شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى دوكلاتتا، ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئايرىم-ئايرىم ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايغا ئالاقىدار 25 بەتلىك بىر دوكلات ھازىرلانغان، مەزكۇر دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان، تىبەتلەر توغرىسىدا ئاساسلىق توختالغان.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئالاقىدار قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي بولسا ئەركىن سايلام بولمىغان، سىياسىي قاراشتىكى پارتىيىلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويمايدىغان بىر پارتىيىلىك دۆلەت.

خىتاي قانۇنىدا كۆز قاراش ئەركىنلىكى، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەرگە يولغا قويۇلىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەركىنلىكلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھوقۇقىنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا قارشى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دېموكراتىيىنى تەشۋىق قىلغۇچى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى قاتتىق باستۇرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تىبەت خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى بولغان كۆز قارىشى ياكى ئۆز مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلىشى بۆلگۈنچىلىك دەپ قارىلىپ ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلماقتا.

پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن دىنىي ئەركىنلىك شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتتە ئالاھىدە چەكلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچ ھالدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سىياسىي كۆز قارىشىنى ئىپادىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» دەپ قارىلىپ ئۇلارغا ئالاھىدە قاتتىق جازالارنى بېرىدۇ. بۇ خىل ھالەتلەر 2013-يىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.

چەتئەلدىكى بەزى تەشكىلاتلار تەمىنلىگەن ئېنىقسىز مەلۇماتلاردا، 2013-يىلى مارتتىن دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەن ئادەم سانى 200 كىشىگە يەتتى دەپ كۆرسىتىلگەن. رەسمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا 100 كىشى ئۆلگەن دېيىلگەن.»

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2013-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا تەييارلىغان خىتايغا ئالاقىدار دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەڭ يەر بېرىلىشى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى چەكتى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2013-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە چىقارغان دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەڭرى يەر بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا مىللىتىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە دەلىل-ئىسپات بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلىشىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغانلىقى دەپ قارساق بولىدۇ. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇلنىڭ 5 يىللىق ھارپىسىدا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.»

زىيارەت جەريانىدا، «شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى تەكىتلەمدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا دىلشات رىشىت مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ئەلۋەتتە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. شىۋېتسىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىجارەت ۋە باشقا ساھەلەردە ئالاقىلىرى بار، شۇنداق بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارىماستىن بۇنداق دوكلاتنى ئېلان قىلىشى ۋە دوكلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ كەڭرى يەر بېرىشى خىتاي ئۈچۈن بىر دىپلوماتىيە بېسىمى.»