خىتاي DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «ئورگان بانكىسى» غا سېلىۋاتامدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.07.11
qan-tekshurush-dna.jpg ئۇيغۇر دېھقانلارنى يىغىۋېلىپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
xjem.gov.cn

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە تۈرلۈك ناملار ئاستىدا ئۇيغۇرلار، كۆچمە نوپۇس ۋە ئۆكتىچىلەرنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئالاھازەل 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەۋرىشكىلەرنى يىغىشتىكى مەقسەت ۋە مۇددىئاسىنىڭ ئۆزلىرىدە جىددىي گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بولۇپمۇ، خىتايدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقى سۇ يۈزىگە چىقىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئورگان تىجارىتىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى بۇلتۇر 9-ئايدا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى باشلىغان ئىدى. خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە، 6 ئاي داۋام قىلغان ھەرىكەت داۋامىدا 17 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ «سالامەتلىكى» تەكشۈرۈلۈپ، رايون نوپۇسىنىڭ 90.03 پىرسەنتىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 83.11 پىرسەنت كىشىنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ بولۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈشكە سالغان مەبلىغى، ئاجراتقان كۈچى ھەمدە جىددىي پوزىتسىيىسى، قاپلاش دائىرىسى، تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن باشقا، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا بۇ يىل 5-ئايدا قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى، ئاقما نوپۇسلارنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھازىرغىچە 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىغا ئوخشاش ئىنتايىن خۇسۇسىي ۋە سەزگۈر مەخپىيەتلىكلىرىنى ساقلاش ۋە بۇ خىل ئۇچۇرلارنى قوغداشقا ئائىت ھېچقانداق بىر قانۇن -تۈزۈم يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىشىنى ئىنتايىن خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتكەن.

خەلقئارالىق مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈشكە قارشى دوختۇرلار بىرلىكى يېقىندا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئەندىشىسىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەننىڭ ئەكسىچە، كۈنسايىن زورىيىۋاتقان بولۇپ، ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئورگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىگەن. گەرچە ئۇلار، كېيىنكى يىللاردا بۇ ئورگانلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلاردىن مەجبۇرىي ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، خىتايدا يىلدا ئۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمايدىغانلىقىنى، خىتايدىكى ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلار بويىچە كىشىلەر ئۆز ئورگانلىرىنى ئۆلگەندە ئېھتىياجلىقلارغا ئىئانە قىلىشقىمۇ قىزىقمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن. شۇڭا بۇ تەشكىلات، خىتايغا مىلياردلارچە دوللار پايدا يارىتىۋاتقان ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئورگان دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتى بىلەن خىتايدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان يۇقىرىدىكى نىشانلىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى باغلىنىش ئۈستىدە توختىلىپ، خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان تىجارىتىنىڭ ئەمدى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست ئېتان گۇتمان ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك جىددىيلىكىنى «بۇ خۇددى بىر ئادەمنى ئورگان بانكىسىدا ساقلىغاندەكلا ئىش» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر ئادەمنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش ئىنتايىن ئاسان بىر ئىش. ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئېلىنغان ناھايىتى ئاددىي بىر نەرسە ئارقىلىقلا بۇ كىشىنىڭ ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. يەنى بىر كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىندى دېگەنلىك، خۇددى ئۇ ئادەمنى ۋاقتى كەلگەندە ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بانكىغا سېلىپ قويغاندەكلا بىر ئىش. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە بولسا، خىتايدا يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان دوختۇرخانىلاردا پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىش بولغان. بىزمۇ بۇنى يېقىنقى يىللاردا بايقاپ ئىنتايىن ھەيران قالدۇق. بىز ئەسلىدە خەلقئارا جامائەت دىققەت قىلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئاستىدا خىتايدا بۇ ئىش ئازىيىدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىدى. مانا بۇ كىشىدە جىددىي سوئال پەيدا قىلىدۇ.»

چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان تىجارىتىگە قۇربان قىلىنىش مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، بۇ ھەقتە جىددىي پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىدىن جىددىي گۇمانلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى مەقسەتلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈشكە قارشى دوختۇرلار بىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېنىقلانغان نۇرغۇن ئىسپاتلاردىن قارىغاندا، خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشتا ئەنگە ئېلىنغان 173 دوختۇرخانا بار بولۇپ، بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ پەقەتلا بىرى يىلدا 5000 قېتىم ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىكەن. بۇندىن سىرت، ئەنگە ئېلىنمىغان يەنە نۇرغۇن دوختۇرخانىلارمۇ ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق دوختۇرخانىلار ھازىر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتلىك ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۇچۇر مەركىزى تور بېتى ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ تور بەتلىرىدە ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ھەققىدە بېرىلگەن ئېلانلاردا، بىر بىمارنىڭ بىر قانچە ھەپتە ھەتتا بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئورگان بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى جار سېلىنىدىكەن.

ئېتان گۇتمان ئەپەندى بولسا، بۇنداق دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە يىلدا خىتايدا ئەمەلىيلىشىۋاتقان بۇنداق ئوپېراتسىيەلەرنىڭ سانىنىڭ زورلۇقىنى ئېيتىپ، بۇ، كىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئورگان بانكىلىرىغا قويۇۋاتامدۇ، دېگەن گۇماننى قوزغىماي قالمايدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى خىتايدا 10 مىڭ ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما بۇ رەقەم ئىشەنچلىك ئەمەس. ئىسپاتلاردىن شۇنى كۆرىمىزكى، خىتايدا ھەر يىلى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 60 مىڭ قېتىم ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدۇ. ھازىر بۇنداق دوختۇرخانىلار شەرقىي تۈركسىتاندىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇلار مەخسۇس بىنالارنى سېلىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى مىساللاردىن قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگان تىجارىتىگە قۇربان قىلىنغانلىقى ئېنىق. ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۈملىدىن خىتايدىكى ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان گۇرۇپپا بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەپ بېرىلىۋاتقان DNA ئەۋرىشكە يىغىش ھەرىكىتىگە قارايدىغان بولساق، كىشىنىڭ ئەقلىگە شۇ كەلمەي قالمايدۇ، يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر كىشىنىڭ DNA ئۇچۇرىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئورگان بانكىسىغا سېلىپ قويدى. بۇنىڭ باشقا بىر ئىزاھاتى يوق.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرىنىڭ 2016-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان ئىككى قېتىم ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليون دوللار ئەتراپىدىكى DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا يارايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ يىل 6-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىقىغا 17مىليون 850 مىڭ سوم خىراجەت ئايرىلغانلىقىنى ۋە 21 مىليون كىشىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇنىڭغا يەرلىك كۆچمە نوپۇسلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ قېتىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.