«ھەرىكەت» تور بېتى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن خىزمەتتە

0:00 / 0:00

مەركىزى نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش» جەمئىيىتى دېموكراتىيە مەۋجۇت بولمىغان دۆلەتلەردە دېموكراتىيىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى، ئاخبارات-پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر جەمئىيەت. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىكتاتور دۆلەتلەردە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان، جىددىي ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ئەمەلىي بىر ئىش قىلىپ بېرىش ئارزۇسى بىلەن «ھەرىكەت» ناملىق تور بېكەتنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى داۋىد كىيىس رادىئومىزغا بەرگەن سۆھبىتىدە بۇ تور بەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ تور بېتىمىز تاشقى دۇنياغا ئېتىك دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچى-كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ تور بەت ئاخباراتچىلاردىن سىياسەتچىلەرگىچە، ناخشىچىدىن تارتىپ، سەنئەتكارلارغىچە بولغان ھەر ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە بىۋاسىتە ھەسسە قوشۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بىز سۈرىيە، ئىران، خىتاي، ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە جىددىي ياردەمگە موھتاج ئاكتىپلار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ بارلىقى، يەنە بىر تەرەپتە بولسا مۇشۇنداق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ئەمما توغرا بىر مېخانىزم ئارقىلىق ئۇلارغا ياردىمىنى يەتكۈزەلمەيۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق. مانا بۇ سەۋەبتىن بىز «ھەرىكەت» ناملىق بۇ تور بەتنى قۇردۇق.

داۋىد كىيىس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش» جەمئىيىتى 2010-يىلى ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان روبېرت بېرنستايىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت «ھەرىكەت» ناملىق تور بەتنى ھازىرقى گوگۇل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى جېيرىد كوخەندىن ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تور بەتنى قايتا لايىھىلەپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىر تور بەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇ تور بەت قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

-بىز تور بەت ئارقىلىق ئىران، سۈرىيە، خىتاي، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە شۇنداقلا باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تور بېتىمىز ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاخباراتچىلار، سىياسەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش تەلەپلىرى بارلىقىنى ئېلان قىلغانلار بولدى، يەنە تېخى ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ خاتىرىسىگە بىر ناخشا ئىجاد قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلار بولدى. يەنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تور بەتكە تىزىملىتىپ، ئەمەلىي ۋە نەق ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

داۋىد كىيىس ئەپەندى بۇندىن كېيىن بۇ تور بەتنى قوللانغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى، مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ كىشىنىڭ بۇ تور بەت ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرى ئارقىلىق ۋە ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى مۇشۇنداق بىر تور بەت بارلىقىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇخبىرىمىزنىڭ ئەگەر ۋېيتنامدىكى تۈرمىگە ئېلىنىش خەۋپى ئاستىدا تۇرغان بىر ئىنتېرنېت يازغۇچىسى ياكى خىتايدىكى نەزەربەنتكە ئېلىنىش خەۋپى ئاستىدا قالغان بىر ئاكتىپ بۇ تور بەتكە كىرىپ ياردەم تەلەپ قىلغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ قانداق ياردەمگە ئېرىشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە كونكرېت مىسال بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سورىغان سوئالىغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
-ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدىغان بارلىق ئاخبارات-مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ تىزىملىكىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. مەسىلەن تۈرمىگە كىرگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسىنى مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىق يولى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىدىغان سەنئەتكارلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ كىشىلەر دۆلەتنى تاشلاپ قېچىپ، باشقا دۆلەتتە ئىلتىجا قىلىشنى قارار قىلغان بولسا، بۇ مەسىلىدە ياردەم قىلىدىغان ئادۋوكاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى مۇمكىن. بۇلار پەقەت بىر قانچىلا ئۆرنەك.

ئۇ سۆزىدە، ئاسىيادىكى دىكتاتور دۆلەتلەردە ياردەمگە موھتاج نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ خىتايدا ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش نۇرغۇن يەنە باشقا ئۆكتىچىلەرنىڭ، تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن نۇرغۇن ئادۋوكاتلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تونۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
-سىياسەتچىلەر بۇنداق كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. دۇنيا خاراكتېرلىك ئەكس سادا پەيدا قىلماي تۇرۇپ، دىكتاتورلارنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىش ئېھتىمالى ئىنتايىن ئاز. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە بېسىمىغا ئۇچرىغانلار، تۈرمىگە كىرگەنلەر، ئائىلە ئەزالىرى رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى دۇنيادىكى ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە قىزىقىدىغانلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنى پايدىلىق، دەپ قارايمەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى سۆزىدە خىتاي ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت قاتتىق تەقىبكە ئېلىنسىمۇ ئەمما يەنىلا بىر ئاماللار ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ بىر ياخشى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئاسىيادىكى دىكتاتور تۈزۈملەردە ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى بۇ تور بەتكە تىزىملىتىشقا چاقىردى.

«ھەرىكەت» ناملىق تور بەتنىڭ تور ئادرېسى «movements.org» بولۇپ، قىزىققۇچىلار بولسا تور بېتىمىز ئارقىلىق بۇ جەمئىيەتنىڭ تور بەت ئادرېسىگە ئېرىشسە بولىدۇ.