كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى، دىئالوگدا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي 30، 31-ئىيۇل كۈنلىرى خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك، ئەمگەك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
18-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈش 10 ۋە 11-ئىيۇل كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگىدا قارار قىلىنغان.
دىئالوگ ھارپىسىدا گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى دىئالوگنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق دىئالوگنىڭ رەسمىيەت خاراكتېرلىك بولۇپ قالماسلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە قاراپ داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرماسلىققا قارار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىۋاتقانغا 20 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق دىئالوگنىڭ ئۈنۈمى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ كەلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، دىئالوگ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمىگەن.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، دىئالوگنىڭ مەقسىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇلرىخ دېلىئۇس: ئەلۋەتتە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ياخشى پىكىر. بىراق رەسمىي سۆھبەت كۈنتەرتىپنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قانداق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ئىزچىل بىر مەسىلە بولۇپ كەلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاساسلىق مەسىلە ئىكەنلىكى بىزگە مەجھۇل. كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى شەرتلىك داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى بەزى سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆتكەن 10 يىللىق دىئالوگتىكى پاكىتلارنى مۇلاھىزە قىلسىڭىز، ئېھتىمال ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
دىئالوگنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئۆز ئارا پىكرى ئالماشتۇرۇش بولۇپ قالماسلىقى، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز ئەھۋالنى مۇلاھىزە قىلسىڭىز، دىئالوگ ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بايقايسىز. سىز كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىسا، دىئالوگنى توختىتىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، سۆھبىتىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېين پساكى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە. بۇ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە خىتاي بىلەن سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم كۈنمىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ئەركىنلىكى، ئەمگەك ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى قوللىسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا مەسىلىلەردىن ئايرىپ قارىشى ئۇلارنى بىئارام قىلىپ كەلگەن.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرىخ دېلىئۇس، غەرب ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باشقا مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قارىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەنمۇ ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدۇق. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا مەسىلىلەردىن ئايرىپ قارىدى. بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ھەرىكەت. بىز بۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلدۇق. چۈنكى بۇ، بىزدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دېگەن تەسىرات پەيدا قىلغان. ئۇلار خىتاي بىلەن ئايرىم كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قۇرۇپ، بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا جامائەت پىكرى ۋە غەرب ئاخباراتنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. لېكىن بۇ ئەمەلىي چارە ئەمەس. بىز چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باشقا مۇھىم دىئالوگلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
دېلىۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى، ئۇنىڭغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشتۇر. ئۇنىڭغا بىر-ئىككى يىللىق مۆھلەت بېرىپ، بۇ مۆھلەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىمىسا، دىئالوگنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن، پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن، خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىلىرىدا قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بىر مەزگىلدە ئېچىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى لۈكچۈن ۋەقەسىدە 35 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خوتەن خانئېرىق ۋەقەسىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، نۇرغۇن ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. د ئۇ ق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىقى قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا دىنىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 10 ۋە 11-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە- ئىقتىساد دىئالوگىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دېلئىۇس ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەردىكى رېئاكسىيىسىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ: بىزنىڭ قارىشىمىزچە زوراۋانلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەلەر شەخسلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئال زوراۋانلىق ھەرىكىتى بولۇپ، تېررورچىلارنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر گۇرۇھنىڭ تەشكىللىك ھەرىكىتى ئەمەس. قىسقىسى، بۇ ئۈمىدسىزلەنگەن شەخسلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئال ھەرىكىتى، خالاس. بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ھېچقانداق چارىسى تېپىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تايىنىش مەسىلە ھەل قىلماقچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلدۇق. ئۇيغۇر خەلقىگە تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش، خۇسۇسەن ھەربىي بېسىمغا، ساقچىنىڭ بېسىمىغا، بىخەتەرلىك بېسىمىغا تايىنىش توقۇنۇشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىتىگە بولغان ئۈمىدسىزلىكنى كۈچەيتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.