دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.09.13
dolqun-eysa-bdt-36-kengesh-2.jpg د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 36-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا. 2017-يىلى 11-سېنتەبىر، جەنۋە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق خادىملىرى ب د ت 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.

11-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ۋە قۇرۇلتاي خىزمەتچىسى رايىن ئەپەندىلەرنىڭ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 36-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

ب د ت 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى 11-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ 3 نەپەر خادىمى ئىككى ھەپتە تۈرلۈك مەزمۇندىكى يىغىنلارغا قاتنىشىپ ۋە دوكلاتلار تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىكەن.

گەرچە د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت بىناسى ئالدىدا ھەپتىگە سوزۇلغان نامايىش قىلىش پىلانى ب د ت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان. ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزى بۇ يىل ئاپرېلدا خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دولقۇن ئەيسانى يىغىن زالىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. بۇ ۋەقە خەلقئارادا غۇلغۇلا ۋە نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 5-سېنتەبىر جەنۋەدە ئېلان قىلغان زور ھەجىملىك دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەنسۇپ خىزمەت مېخانىزمىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ب د ت نىڭ نورمال خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنىڭ، جۈملىدىن دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ سەۋەبلىك كۆپ دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ب د ت يىغىن مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىلا بوغۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەتتا ئەركىن دۇنيادا، بولۇپمۇ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا قارشى چامىنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇنداق بىر جىددىي مەزگىلدە ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىم د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى دوكلاتلار تەقدىم قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. د ئۇ ق خادىملىرى يەنە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ئەپەندىمۇ ب د ت دا تۇرۇپ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۆزىنىڭ 11-سېنتەبىر چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇت زۇلۇملارنى ئاڭلاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بۈگۈن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ھېچ بىر مىللەت كۆرۈپ باقمىغان ئېغىر زۇلۇملارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بۇ مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئېرىتىپ تۈگىتىش، باستۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتايغا قارشى چىققان ئۇيغۇرمۇ، خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرمۇ، سۈكۈت قىلغان ئۇيغۇرمۇ، ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئۇيغۇرمۇ، ئۇيغۇر بولغانلىقىنى ئۈچۈنلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا بارلىق كىشىلىك ھەقلىرى تاجاۋۇزغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇ مەسىلىلەرنى مىساللىرى بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ، ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىدا تەسىر قوزغاشقا، دىققەت جەلپ قىلىشقا تىرىشتىم.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا يەنە بۇ قېتىمقى ب د ت يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى توغرىلىقمۇ بىزنى ئەتراپلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

د ئۇ ق خادىملىرى ب د ت دىكى بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى جەريانىدا يەنە مىسىردىكى تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ تۈركىيەدە ۋاقىتلىق پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.