25-سېنتەبىر كۈنى يەنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوندا زىيارىتىنى باشلىغان ۋە ئاقساراي ئۇنىڭ شەرىپىگە رەسمىي دۆلەت زىياپىتى تەييارلاۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بولسا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەتىگەنلىك زىياپىتىگە قاتنىشىپ بۈگۈنكىدەك بىر كۈننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پرېزىدېنت ئوبامادىن شى جىنپىڭدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ ئۈستىدىكى يولسىز باستۇرۇشنى توختىتىشنى، تۈرمىدىكى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر ناشتىلىق زىياپىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار خىتايدا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئادالەت ئۈچۈن كۈرەشكۈچىلەرنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى مەقسەت قىلغان.
زىياپەت ئاخىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدىكى بىر قىسىم ئەربابلار ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي، تەيۋەن، فالونگوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە ئەركىنلىك يولىدا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرلىكتە دۇئا قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار شەرىپىگە بېرىلگەن ناشتىلىق زىياپىتى، 25-سېنتەبىر ۋاشىنگتون ۋاقتى 8:30دا باشلاندى. مەزكۇر زىياپەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى جېمېس ماكگاۋرېن، مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى جوسېف پىتس، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىئولار ئاساسلىق ساھىبخانىلىقىدا، خىتايغا ياردەم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك ئۆيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خەلقئارا تىبەتنى قوللاش ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق ئامېرىكا خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۆمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا «سىلەر يالغۇز ئەمەس» دېگەن سىگنالنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان بۇ زىياپەتكە، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار قاتارىدا، ئۇيغۇر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى.
زىياپەت، باش ساھىبخانا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېمس ماكگوۋرېن ئەپەندىنىڭ مۇقەددىمە سۆزى بىلەن باشلاندى.
ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى نامىدىن بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە بىر كۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناشتىلىق زىياپىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، دۆلەت زىياپىتى بىلەن رەسمىي يوسۇندا قارشى ئېلىنىۋاتقان ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنى زىيارەت قىلىدىغان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ۋە بىر قىسىم ئاۋام پالاتا، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان پەيتتە، خىتايغا ھەقىقىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كۈرىشىۋاتقان خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بىلەن ھەمداسقان بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى، توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى جوسېف تىس «كوممۇنىست خىتاي ئىنسان ھەقلىرىگە، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئەڭ ئېغىر دەخلى تەرز قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت، مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 15 يىل ئىچىدىلا تۈرمىگە ئېلىنغان دىنغا ئىشەنگۈچىلەر 250 مىڭدىن ئاشقان، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ، مەن سىلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ھەقىقەتنى سۆزلەشكە ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلغىنىڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ۋە داۋاملىق سىلەرنى قوللايمەن» دەپ بىلدۈردى.
زىياپەتكە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا جۈملىدىن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتىك لېدىرى نەنسي پلۇسى خانىم ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلىپ نۇتۇق بەردى: «بىز خىتايدىكى رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئەمەلىيەت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىز داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مەيدانىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز، بىز ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە رىقابەتلەرگە قارشى داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ۋە بۇ ھەممىمىزنىڭ قىممەت قارىشى. مەن سىزلەر بىلەن بۇ زىياپەتتە بىللە بولغىنىمدىن بەكمۇ مەمنۇنمەن.
زىپايەتنى تەشكىللىگەن ئاساسلىق ساھىبخانىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالىشىۋاتقان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىئو زىياپەتكە ئۆزى قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەبرىك سۆزى سىن لېنتىنى زىياپەت ئەھلىگە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ناشتىلىققا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈرۈپ «بۈگۈن خىتاي رەئىسى شى جىنپڭنى ئاقساراي قىزىل گىلەملەر بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قەدەھ سوقۇشتۇرۇۋاتقاندا، خىتايدا بولسا بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئىز -دېرەكسىز غايىب قىلىنىۋاتقان، تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىپلىرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىش كېرەك ئىدى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالغان كۆرۈنۈشلىرى دۇنياغا تارىلىدۇ، ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار بىلەن بىللە ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان ھۆكۈمەت بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. شى جىنپىڭ بۇ شەرەپكە مۇناسىپ ئەمەس. بۇ، دۇنياغا بولۇپمۇ خىتايدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ۋە بەدەل تۆلەۋاتقانلار ئۈچۈن بەكمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زۇلۇم چېكىۋاتقانلار ئۈچۈن مەيدانىنى ئىپادىلىشى كېرەك. مەن ئۆزۈم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ شىنى قارشى ئېلىش زىياپەتلىرىگە قارشى. ئەمما بىز بۇ زىياپىتىمىز ئارقىلىق سىزلەرنى، ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەيمەن» دېگەن.
زىياپەت داۋامىدا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئوباما ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇ قېتىممۇ ئاقساراي شى جىنپىڭنى يەنىلا چىرايلىق گەپلەر بىلەن يولغا سېلىۋېتىدىغان بولسا، خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تۈرمىلەردە قىيىن قىستاققا ئېلىش ھەسسىلەپ كۈچىيىپ كېتىدۇ، بىز ئاۋازىمىزنىڭ ئاقسارايغا يېتىشىنى، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئوبامانىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئونمىڭلارچە مەھبۇسلارنىڭ ئازاد بولۇشى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ سۆزى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ جاكارلايمەن» دېدى.
ناشتىلىق زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىگە قارشى ئاقساراي ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن مېڭىش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم يەنە، «بىز ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن دوست بولۇشىغا قارشى ئەمەس، ئەمما بىز ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتلىرىدە، دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئامېرىكىمۇ پۈتۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئاۋازىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىمۇ خىتايدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ، دۇنيانىڭ غەزەپ نەپرىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.