ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ئاللىقاچان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

شۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلارنىڭمۇ بارلىقى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تېخىمۇ قوزغىماقتا. ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا، ئۇنىڭ خەلقئارادا پۇت تىرەپ تۇرالىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ سەرخىللىرى بولغان زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى دېمەكلىك شۇ مىللەتنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە سەركىلىرى قىرقىپ تاشلاندى دېمەكلىكتۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بۈگۈن، يەنى 22-ئۆكتەبىر «ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان زىيالىيلار: ئۇلار مەڭگۈلۈك يوقىلىپ كەتتىمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلانغان زور تۇتقۇندا 231 ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ قانداق بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىۋېتىلگەنلىكى ياكى ئاتالمىش «سىياسىي ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ياكى تۈرمىلەرگە سولانغانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانىنىڭ ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىگە، ئوقۇغۇچىلارغا ۋە سەنئەتكارلارغا قارىتىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە بولغان كۆز-قارىشىنى تەنقىد قىلغان ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلارغا قارىتىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنىڭ رايوندىكى ئىرقىي باستۇرۇشنىڭ يەنە بىر دەرىجە كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا يەنە ئەزەلدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭمۇ ھازىر «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان»، «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك بىمەنە قالپاقلار بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە يوقاپ كەتكىنى ۋە لاگېرلارغا قامالغانلىقى دەلىللەنگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن راھىلە داۋۇت، ئابدۇكېرىم راخمان، ئازاد سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلار بىر بىرلەپ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مۇختەر ئابدۇغوپۇر قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلارنىڭ كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىمۇ نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى ياكى تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل جار سېلىپ كېلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تىكى «تىرىشچانلىقلىرى» غا زىت ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلارنى يوق قىلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟ بۇ نۇقتىدا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجىۋېسكى ئۆز نۇقتىئىنەزەرلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىساق بولىدۇ. بىرىنچىسى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان. بىز يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ۋەزىيەت داۋاملىشىۋاتقىلى ئۇزاق بولدى، ئەمما 2014-يىلى ئىلھام توختى تۇتۇلغاندىن كېيىن بۇ خىل زەربە بېرىش ھەرىكىتى بەكلا كۈچىيىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە 2000-يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرچە كىتاب-ئەسەرلىرىنى ئاتالمىش ‹بۆلگۈنچى ئىدىيەلەرنى تارقاتقان› دېگەن نامدا ئەيىبلەش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ئىدى. ئىككىنچىسى بولسا قىسقا مۇددەتلىك پىلان. بۇ ئىدېئولوگىيەلىك تازىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەكس ئەتكەن. قارايدىغان بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە بىلىم ئىگىلىرى ئاساسەن خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. شۇڭا بۇ خىتاينىڭ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى پىكىردە بولغانلارنىلا تۇتقۇن قىلىش ياكى يوق قىلىۋېتىش ھەرىكىتى ئەمەس، بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان نىشانلىق يوقىتىش ھەرىكىتىدۇر.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئېغىر قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىبلەر، يازغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى چاقىرىق قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارالىق جەمئىيەتنى بۇ يىل 11-ئايدا ب د ت دا ئېچىلىدىغان خىتاينىڭ 2018-يىللىق ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارىتا خىتايغا سوئال قويۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر دىيارىغا ئادەم ئەۋەتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى توغرا ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنداق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلىشى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ مەخسۇس دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارىتا خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىشىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن يېپىپ كەلدى، بىراق دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان 231 زىيالىينىڭ ھەممىسى تېررورچى بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر ئۆمۈر خىتاي كومپارتىيەسىگە خىزمەت قىلغان كەسپىي خادىملار. قانداقسىگە تېررورچى بولۇپ قالىدۇ؟ دېمەك خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋە مەۋجۇتلۇقىغا قارىتىلغان. بۇ دوكلات خەلقئاراغا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»