رابىيە قادىر: «خىتاينىڭ بۇ ئارزۇسى ئىشقا ئاشىدىكەن، ئادالەت ھاقارەتكە ئۇچرىغان بولىدۇ....»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.11.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rabiye-qadir-aliy-kengesh-namayish-305.jpg رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نارازىلىق نامايىشتا. 2011-يىلى 2-ماي.
RFA

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنى بېكىتىپ چىقىدۇ. خىتاي ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى 5 نامزات دۆلەتنىڭ بىرى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار 5-نويابىر نيۇيورك شەھىرىگە يىغىلىپ، مۇھاكىمە ۋە نارازىلىق نامايىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى «خىتاينى ئەزا قىلىپ قويۇش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت» دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا نيويوركتا پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ پەقەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەھدىتىگە دۇچار بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ئىچى ۋە ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر نەتىجە دەپ قارايمەن» دەپ بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.