ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنى بېكىتىپ چىقىدۇ. خىتاي ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى 5 نامزات دۆلەتنىڭ بىرى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار 5-نويابىر نيۇيورك شەھىرىگە يىغىلىپ، مۇھاكىمە ۋە نارازىلىق نامايىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى «خىتاينى ئەزا قىلىپ قويۇش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت» دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا نيويوركتا پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ پەقەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەھدىتىگە دۇچار بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ئىچى ۋە ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر نەتىجە دەپ قارايمەن» دەپ بىلدۈردى.