گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا كونكرېت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان

0:00 / 0:00

گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ كونكرېت دېلولار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككى تەرەپنىڭ دىئالوگىدىكى پىكىر ئىختىلاپى سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئىپادىلەندى.

گېرمانىيە باش سۆھبەت ۋەكىلى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى باربېل كوفلېر خانىم ئاخبارات يىغىنىدا، خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە قانۇنى بىخەتەرلىكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، قوپال قانۇن- قائىدىلەر بىلەن ئاممىۋى گۇرۇھلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن كوفلېرنىڭ سۆزى خىتاي سۆھبەت ۋەكىلى لى جۈنخۇانىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرگەن. ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا كوفلېرنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇنىڭ «دەرەخنى كۆرۈپ، ئورماننى كۆرمەيۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى جۇنخۇا گېرمانىيەنىڭ كونكرېت ھادىسىلەرگە ئېسىلىۋالماسلىقى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي قارىشىنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن باربېل كوفلېر، «كونكرېت ھادىسىلەر ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىخچاملاشقان كۆرۈنۈشى» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئىجابىي تەرەققىيات بار، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، ئاممىۋى گۇرۇھلار باستۇرۇلغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە سولانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگنىڭ ھاۋاسى گېرمانىيەنىڭ پوزىتسىيىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى‏- «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»نىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس، بۇ ئەھۋالنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىنى «ئىجابىي ئۆزگىرىش» دەپ كۆرسەتتى.

دېلىئۇس: «مېنىڭ تەسىراتىم، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان پوزىتسىيىسى ۋە تونۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولغان. بۇرۇن ھۆكۈمىتىمىز بىزگە سەبرە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، ۋەزىيەتنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ بىر-ئىككى يىلدا زور ئۆزگىرىش بولۇشىنى كۈتمەسلىكىمىزنى، بۇنىڭ ئۇزۇن مۇساپە ئىكەنلىكى، ھازىر بىز بۇ مۇساپىنىڭ باشلانغۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىز، بىزنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشىمىزنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ.

ئۇلرىخ دېلئىۇسنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىش خىتاينىڭ رېئاللىقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاخىرى، نۇرغۇن ئامىللارنى، ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىيىتى، ئاممىۋى گۇرۇھلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، قىسقىسى بىز ئۇزۇن بىر تىزىملىك تۇرغۇزالايمىز، مانا شۇلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىغا كەلدى. بىزنىڭ تەسىراتىمىز، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگەردى. مانا بۇ ئىجابىي تەرەققىيات. چۈنكى، ھېچ بولمىسا ئۇلار بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ رېئالنى بولىدۇ.»

گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ 7 ۋە 8-نويابىر كۈنلىرىدىكى بېرلىندا ئۆتكۈزگەن بۇ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۇلارنىڭ 14‏-نۆۋەتلىك دىئالوگىدۇر. دىئالوگ 1999‏-يىلى سابىق گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرۆدۈر دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار دىالوگنىڭ رەسمىيەت خاراكتېرلىك سۆھبەتكە ئايلىنىپ قېلىپ، ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. بىراق، گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىىسى»نىڭ رەھبىرى ئەنۋەرجان ئەپەندى، دىالوگنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى، ئەمما ئۇنىڭ مەلۇم شەرتلەرگە باغلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار نۇقتىسىدىن توغرا بولغىنى بۇنداق دىئالوگلارنىڭ داۋام ئېتىشىدۇر. چۈنكى، دىئالوگنى توختىتىپ قويۇش ئارقىلىق ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر تەرەپ بىلەن بولسا بولسۇن، دىئالوگ يولى ئوچۇق بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇ دىئالوگ يولى ‹بىز قارشى تەرەپنىڭ قىلغان ھەممە نەرسىسىگە ماقۇل دەيمىز ۋە ياكى بىز بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمايمىز› دېگەن شەكىلدە ئەمەس، شۇ دىئالوگ يولى بىلەن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق شەرت شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹ئەگەر بۇ نەرسىدە مۇنداق قىلمايدىغان بولساڭ، بىز ئۆز ئارا شېرىكلىكنى، ئۆز ئارا بىرگە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماسلىقىمىز مۇمكىن› دېگەن شەكىلدە قاتتىقراق بېسىم ئىشلەتسە پايدىلىق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەنۋەرجان: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇدا خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سۆھبىتىنى كۆپرەك شى جىنپىڭنىڭ ئۆز گراژدانلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ساھەسىدە تۇتقان ناھايىتى قاتتىق قول ۋە دىكتاتورىلىق سىياسىتىگە جاۋاب، دەپ قارايمەن. بۇنىڭ مىسالى مەسىلەن، خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتىدۇ نارازىلىقلار. خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدە ئادۋوكاتلارنى قولغا ئېلىۋاتىدۇ. ئالاھىدە ئېيتقاندا بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يېڭى ئاتالمىش تېررورغا قارشى قانۇن-تەدبىرلەر، دېگەن باھانىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىلھام توختى مەسىلىسى. ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك كېسىۋەتتى. دېمەككى، يېڭى رەھبەرنىڭ بۇنداق قاتتىق قول سىياسىتى نەتىجىسىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ئەمدى چىداپ بولمايدىغان دەرىجىگە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەككى، بۇ مەسىلىنى قاتتىق پرىنسىپال مەسىلە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان دېمەكچى مەن» دېدى.

گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا نۇرغۇن ئىختىلاپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان. دىالوگنىڭ 1‏-كۈنى باربېل كوفلېر خىتاي سۆھبەت ۋەكىلىنى ئۆزىنىڭ سايلام رايونى-باۋارىيە شتاتىدىكى تراۇنستېين تۈرمىسىنى ۋە مەزكۇر رايوندىكى بىر چەتئەللىك مۇساپىرلار لاگېرىنى زىيارەت قىلدۇرغان. ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي ۋەكىلى لى جۇنخۇا، 15‏-نۆۋەتلىك گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان.