1948-يىلى ماقۇللانغان ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنى دەپ بىلىنىدۇ. خىتابنامىدە، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئىگە بولغان ئەركىنلىكى ئىكەنلىكى، ھەركىمنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشى، ئىنسانلارغا قارىتا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىشقا، ئىنسانلارغا يامان مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان. بۇ قارار 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۈن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى دەپ تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.
بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە رەھبەرلىرى، تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىمەكتە. تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسان ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بولسا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.