10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەننىڭ تەيجۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ھازىر ئاڭلاۋاتقىنىڭلار تەيۋەننىڭ تەيجۇڭ شەھىرىدە 10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش.
بۈگۈنكى نامايىش تەيجۇڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان نامايىش بولۇپ، نامايىشقا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت، باش شتابى توكيودىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دايچىن، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خوڭكوڭلۇق دېموكراتچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
تەيۋەن تەيجۇڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇزۇن بۇيان مەزكۇر شەھەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ماھمۇت بۇ ھەقتە توختالدى.
نامايىش ئەتىگەن سائەت ئوندا تەيجۇڭ دەۋر مەيدانىدىن باشلانغان بولۇپ، نامايىشچىلار تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنى شۇنداقلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تەيۋەنلىكلەرنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، ئىككى سائەت ئەتراپىدا تەيجۇڭ شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ دەۋر مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.
نامايىشنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نۆۋەت بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن خەلقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوڭكوڭدىن كەلگەن خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە خوڭكوڭدا خىتاي كومپارتىيەسى يولغا قويۇۋاتقان ئەركىن سايلام قانۇنىدىكى بەزى بىر سىياسىي تۈزۈملەرنى خوڭكوڭدا خەلقىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، تەيۋەنلىكلەرنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن ساۋاق ئېلىپ تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مىزانى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆز تۇپراقلىرىدا ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دايچىن:« شەخسەن مەن ئۆزۈم تۇنجى قېتىم تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشتىن تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، بىزمۇ دەۋايىمىزنى تەيۋەن خەلقىگە ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا تەيۋەنلىكلەر بىلەن ئورتاق غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن» دېدى.
نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان تەيۋەنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لىن بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: « خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ نامايىشقا قاتناشتى. بىز بۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ئەلۋەتتە،ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرىمىز» دېدى.
ئىلھام ماھمۇت تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
نامايىشتىن كېيىن دەۋر مەيدانىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى بىر قىسىم سەنئەتكارلار ئەركىنلىككە بېغىشلانغان سەنئەت نومۇرلىرىنى نامايان قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.