خىتاي دائىرىلىرى 10 - ئىيۇل جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كەڭ - كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. 17 - ئىيۇلغا قەدەر تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوراق قىلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ سانى 200 دىن ئاشتى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتتە جىددىي ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يامان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتايدا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە،17 - ئىيۇل جۈمە كۈنىگە قەدەر 234 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، سوراق قىلىنىش قىسمىتىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولدى.
بىر ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى. 13 - ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغاندىن كېيىن، 16 - ئىيۇل ياۋروپا بىرلىكىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىن ھەر خىل باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى ۋە مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى باياناتلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان، سوراق قىلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ «جەمئىيەتتە جامائەت پىكرى توپلاپ قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئەرزدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش نامىدا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىش، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان دېلولاردىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار دېتاللارنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، « ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دېگەن تونغا ئورۇنۇۋالغان بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر جۇڭگونىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئاز ساندىكى بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئاقىلانە تەدبىر، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىتنى دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى،غەرب دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى جۇڭگوغا مەجبۇرىي تاڭماسلىقى كېرەك!» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى.
رادىيومىزغا خىتايدىن ئىنكاس يوللىغان ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرقانچە ئادۋوكات ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاي شەھەرلىرىدە ۋەھىمىلىك بىر كەيپىيات قوزغالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان ھەتتا ئىلگىرى ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرمۇ ھەر ۋاقىت ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىق باشقارمىسىغا ياكى تۇرالغۇسىغا كېلىپ ئۇلارنى «سۆھبەت ئۆتكۈزۈش»، «چاي ئىچىش» ناملىرىدا چاقىرتىپ كېتىشى ياكى بىرقانچە ساقچىنىڭ بېسىپ كېرىپ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەلۇم ئادۋوكات مۇنداق دېدى:
«بىز ھەر ۋاقىت ساقچىخانىغا چاقىرىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا كىملىكىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدىم. بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىنىش ھەرىكىتى ھەم تۇيۇقسىز ھەم كەڭ دائىرىلىك بولىۋاتىدۇ. مېنى ئۇلار بىر قېتىم سوراق قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۆيگە قايتۇرۇۋەتتى. قاچان، قەيەردە، قانداق ھالەتتە يەنە تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.»
خىتايدا تونۇلغان يازغۇچى يې دۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋوكاتلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى كەڭ دائىرىلىك تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلغان جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:«ھازىر ھۆكۈمەت مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باشقىچە يولىنى ئويلىشىشى ۋە بۇ خىل تۇتقۇننىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى چوڭ كۈرەش تۈسىنى ئالغان بۇ خىل كەڭ - كۆلەملىك زەربە بېرىش ئەھۋالنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى ياكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00