گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىغا توختىتىلغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈپىتىدىكى چېدىر ۋە كوزۇپ خىتاينىڭ ئېتىرازىنى قوزغىدى. گېرمانىيە ساقچىلىرى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي كونسۇلى ئارىسىدا مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈپىتىدىكى تەشۋىقات چېدىرى ۋە كۆك بايراق سېيماسىنى ئالغان بىر كوزۇپ 2013-يىلى 10-دېكابىردىن ئېتىبارەن ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىغا توختىتىلغان ئىدى. تەشكىلات رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنلىرى خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا مۇقىم يەر ئىگىلەپ، خىتايغا قارشى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئىپادىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ساقچى تەرەپ ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئارىدا مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
بىراق، خىتاينىڭ نارازىلىقى ئۈنۈم بەرمىگەن. گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سىماسىدىكى كوزۇپنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ مەسىلە بايقىمىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققى بارلىقىنى تونۇپ كېتىپ قالغان. ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 29-يانۋار كۈنى گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلغان. كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە، ساقچى تەرەپ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قانچە كۈندە، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سىماسىدىكى كوزۇپنى خىتاي كونسۇلىنىڭ يېنىدىن يىراقراق يەرگە يۆتكەپ تۇرۇشنى ئۆتۈنگەن. خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە تەكرار نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى قوللانغان بۇ خىل تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 5-فېۋرال كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سىماسىدىكى كوزۇپ ئۆز يېرىدە تۇرغاندىن سىرت، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈپىتىدىكى چېدىر خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قايتا تىكىلىدىكەن.