«كۇنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى
2014.03.05
مەلۇم بولۇشىچە، «كۇنمىڭ ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نىشانىغا ئايلانغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۇنمىڭ شەھىرى ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشقا چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدىكى مېھمانسارايلار بىردەك ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى رەت قىلغان. كۇنمىڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان داشۇيىڭ مەھەللىسى قاتتىق قامال قىلىنىپ، ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈلگەن. بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ كىملىكى تىزىمغا ئېلىنىپ، ئۆيلىرىدىكى پىچاق ۋە باشقا تىغلىق ئۆي سايمانلىرى مۇسادىرە قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى نەننىڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 2-فېۋرال يەرلىك ئاھالىلەرگە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىملىكىنى كۆتۈرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇچرىسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى شەھىرىدە 8 يىلدىن بۇيان تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئابدۇل ئىسىملىك ئۇيغۇر تىجارەتچى كۇنمىڭدا ۋەقە يۈز بەرگەن 1-مارت كۈنى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ تەكشۈرۈلگەن. ئاندىن ئۇنىڭ دەرھال يۈننەندىن كېتىشى ئۇقتۇرۇلغان. ئىلگىرىكى ئۆي ئىگىسىمۇ ساقچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئابدۇلغا قايتا ئۆي ئىجارە بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر ۋېيبو تورىدا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، دالى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن 2-مارت كۈنى مەزكۇر قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-مارت چۈشتىن كېيىن گۇيلىن شەھىرىدە سالاھىيىتى نامەلۇم ئىككى ئەر كىشى ئېسىل ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بىر ئايالنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە قېچىپ كەتكەن. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، گۇيلىن شەھىرىدە پاتىپاراقچىلىق بولۇپ، پۈتۈن شەھەر ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق قامال قىلىنغان. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن گۇيلىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گۇيلىن پويىز ئىستانسىسىدا 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىن قورال ۋە پىچاق بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇ كۈنى گۇيلىن شەھەر كوچىلىرىدا ئۇچرىغان ھەرقانداق ئۇيغۇر، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىردەك تۇتقۇن قىلىنىپ ساقچىخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەن. گۇيلىن شەھىرىدىكى جىددىيچىلىك تاكى 4-مارت كەچقۇرۇنغىچە داۋاملاشقان.
ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىش ئەھۋالى بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. «مىڭباۋ» (ئەينەك) گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «كۇنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ۋېيگوڭسۈن، پەنجيايۋەن ۋە گەنجياكۇ قاتارلىق جايلاردا ساقچىلارنىڭ ئۇچرىغانلا ئۇيغۇرنى توسۇپ تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خىتايچە تور بېتىگە 2-مارت كۈنى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى شىنجاڭدىن ھالقىپ چىقتى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2-مارت تاڭ سەھەر سائەت 04:00 ئەتراپىدا بېيجىڭنىڭ مەلۇم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر قىز نادىشنىڭ ئۆيى قاتتىق چېكىلگەن. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە يوپۇرۇلۇپ كىرىپ ئاختۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ كىملىك ۋە باشقا قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر قىز نادىش ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن كېچە سائەت بىر يېرىمدا ئۆزىنىڭ قول تېلېفونى ئارقىلىق «بۈگۈن كېچە بىز ھەممىمىز كۇنمىڭلىق!» دېگەن بىر جۈملىنى ۋېيبو تورىغا يوللىغان. ئويلىمىغان يەردىن بىرقانچە سائەت ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئۆيى بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان.
جۇڭگو ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇربانجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى 3-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى ۋېيبو تورى ئارقىلىق ئاشكارا قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئۇ شېنياڭدا كەسپىي ئىشلىرىنى بېجىرىپ بولۇپ مېھمانسارايدا قونماقچى بولغان. ھالبۇكى، بىرقانچە مېھمانسارايلار ئۇنىڭ كىملىكىنى كۆرۈپلا ياتاق بېرىشنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا ساقچى كېلىپ ئۇنىڭ سالاھىيىتى ۋە كىملىكىنى ئۇزاق تەكشۈرگەندىن كېيىن ناھايىتى تەسلىكتە ياتاق ئالغان. ئەتىسى خىزمەت ئىشى بىلەن ئېلخەت يېزىش ئۈچۈن تورخانىغا كىرگەن. ئەپسۇسكى، تورخانا خادىمى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تورغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ سەۋەبىنى سورىغاندا، تورخانا خادىمى «سېنىڭ مىللىتىڭدىكىلەرنىڭ تورغا چىقىشىغا بولمايدۇ!» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي مۇلازىمەتچى خادىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىملىكىنى كۆتۈرگەن مېھمانلارنىڭ بۇ يەردە قونۇشىغا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇ، بىزنىڭ «كۇنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مېھمانسارايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن خۇپىڭ، ۋاڭ لىشيۇڭ قاتارلىق خىتاي دېموكراتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى «تېررورچى» كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ۋاڭ لىشيۇڭ ماقالىسىدە «شىنجاڭدىكى خەۋەپ-خەتەر ئاز ساندىكى ‹تېررورچى› لارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى بۇ يەردىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مىللەت سۈپىتى بىلەن دۈشمەن قاتارىدا ھېسابلاشتىن كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.