تەتقىقاتچى كۈرەش تاھىرنىڭ بىر يىلدىن بۇيان قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار ھەققىدىكى بىر تىزىملىكتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مەشھۇر شائىر تاھىر تالىپنىڭ ئوغلى كۈرەش تاھىرنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر خادىمى كۈرەش تاھىرنىڭ بىر يىل بۇرۇن قەشقەردىن كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ شۇنىڭدىن بېرى خىزمەت ئورنىدا يوقلۇقىنى بايان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن تاھىر ھامۇت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» نامىدىكى تىزىملىكتە يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 98 نەپەر زىيالىينىڭ ئىسمى ۋە خىزمەت ئورنى كۆرسىتىلگەن. مۇتلەق كۆپىنچىسى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، نەتىجە ياراتقان، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا يېتەكچىلىك رول ئويناپ كەلگەن بۇ شەخسلەر ئارىسىدا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كۈرەش تاھىرنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ما فامىلىلىك بىر خادىمى، دەسلەپتە كۈرەش تاھىرنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئارقىدىن، ئۇ كۈرەش تاھىرنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئەمما ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن نۆۋەتتە كۈرەش تاھىرنىڭ خىزمەت ئورنىدا بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ كۈرەش تاھىرنىڭ بۇرۇن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىشلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن كۈرەش تاھىرنىڭ بۇ ئورۇندىن قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن ئايرىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بىز ئەگەر ئىدارىسىگە تېلېفون قىلساق بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما ئۇ سۆزلىرى ئارىسىدا، كۈرەش تاھىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

خىتايچە «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۈرەش تاھىر 1969 ‏-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1993 ‏-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىشقا چۈشكەن. ئۇ مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ «چەتئەل تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» قاتارلىق بەش چوڭ تەتقىقات تۈرىگە ئىشتىراك قىلغان. ئۇ 1993 ‏-يىلىدىن 2009 ‏-يىلىغا قەدەر، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› دىن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا نەزەر» قاتارلىق 66 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىدىكى تۈركچە سۆزلەر» ناملىق بىر كىتابى نەشر قىلىنغان.

بىز بۇ مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى كۈرەش تاھىرنىڭ قاچان تۇتۇلغانلىقى ۋە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم كۈرەش تاھىرنىڭ بىر يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كۈرەش تاھىرنىڭ ئېنىق قايسى كۈنى تۇتۇلغانلىقىنى دەپ بېرىلمىگەن نۆۋەتچى خادىم، ئۇنىڭ قەشقەر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما كۈرەش تاھىرنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

كۈرەش تاھىرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، شائىر تاھىر ھامۇت كۈرەش تاھىرنىڭ ئۆتكەن يىلى ‏-19ئىيۇن كۈنى تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا ئادەتتە جىددىي ۋە نازۇك تېمىلارغا كۆپرەك مەركەزلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرى ياكى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە كۆپرەك ئېھتىماللىق سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ نىگدە دېگەن جايىدا ئېچىلغان بىر تۈركولوگىيە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمىدىن كۈرەش تاھىرنىڭ نۆۋەتتە لاگېر ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

شائىر تاھىر ھامۇت كۈرەش تاھىرنىڭ كېسىلىپ بولۇنغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتىن خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىغا ئائىت بىرەر دەلىلنى ئۇچراتمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ يېقىن ئالاقە تورلىرىدىن ئىگىلىگەنلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، كۈرەش تاھىرنىڭ دادىسى، تونۇلغان شائىر تاھىر تالىپ؛ ئىنىسى ئىلھام تاھىر ۋە بىر سىڭلىسىمۇ تۇتقۇندىكەن.

كۈرەش تاھىر ھەققىدە «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى تونۇشتۇرۇشتا ئۇنىڭ 2009 ‏-يىلدىن كېيىنكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. شائىر تاھىر ھامۇت، كۈرەش تاھىرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىنىڭ 2009 ‏-يىلدىن كېيىنمۇ توختىمىغانلىقى، تېخىمۇ يىرىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش باسقۇچىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كۈرەش تاھىرنىڭ بىر يىل بۇرۇن قەشقەر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.