كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي تەن جازاسىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تەن جازاسى توختاپ قالمىدى

0:00 / 0:00


كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەن جازاسى ھەققىدىكى دوكلاتى، خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چىقارغان نەچچە يۈز پارچە سوت ھۆكۈمى، 48 نەپەر مەھبۇس، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، ئادۋوكات ۋە سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان.

«يولۋاس قوندىقى ۋە كامىردىكى خوجايىنلار: خىتايدا ساقچىلارنىڭ گۇماندارلارغا تەن جازاسى بېرىشى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىشى، تۇتۇپ تۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى گۇماندارلارغا خورلاش خاراكتېرلىك مۇئامىلە قىلىش ئەھۋالى ئېغىر مەسىلىكەن.

دوكلاتتا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى جازالايدىغان ھەر خىل ھەر تۈرلۈك قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئاشكارىلىغان. «يولۋاس قوندىقى» غا ئولتۇرغۇزۇش مانا شۇلارنىڭ بىرىكەن. «يولۋاس قوندىقى» دەپ ئاتالغان بىر خىل ئۇسۇلدا - تۇتقۇن تۆمۈر ئورۇندۇققا زەنجىردە نەچچە سائەت، نەچچە كۈن باغلاپ قويۇلۇپ، تاماق بېرىلمەيدىكەن ۋە ئۇخلاتمايدىكەن. تۇتقۇن تاكى پۇتى ۋە يانپىشى ئىششىپ، مىدىرلىيالماس بولۇپ قالغانغا قەدەر «يولۋاس قوندىقى» دا ئولتۇرىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە، بەزىدە تۇتقۇنلار كامېر پەنجىرىسىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىغا ئېسىپ قويۇلىدىغانلىقىنى، كامىرىدىكى ئاتامان جىنايەتچىلەرنى ئىشقا سېلىپ، تۇتقۇنلارنى ئۇرۇش ۋە خورلاش ساقچىلارنىڭ يەنە بىر خىل قىيناش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دوكتور سوفىيە رېچاردسون خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغانغا بىر قانچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار جىنايەت گۇماندارلىرىنى قىيناپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرماقتىكەن. سوت مەھكىمىسى بولسا جازاسى ئاستىدا بەرگەن ئىقرارغا ئاساسلىنىپ، تۇتقۇنلارغا ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.

ئۇ چارشەنبە كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا خىتاينىڭ تەن جازاسىنى چەكلەش تەدبىرى ئاقمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «سوراق جەريانىغا گۇماندارنىڭ ئادۋوكاتى قاتناشماي تۇرۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ باشقا ئاساسى ھەق - ھوقۇقى قوغدالماي تۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى خورلىغان ساقچىلار جاۋابكارلىققا تارتىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولغا قويغان يېڭى تەدبىرى تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەن جازاسىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نېمىشقا ئەمەلىيلەشمەيدۇ؟ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، ئۇزۇن يىللىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتايدا مۇستەقىل ئەدلىيەنىڭ يوقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەدلىيەنى كومپارتىيە كونترول قىلغاچقا ساقچىلارنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى يوق.

ئۇنىڭ قارىشىچە، تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ پائال يولى - بۇ مەسىلىنى بەك د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇش، ب د ت ئارقىلىق خىتايغا ئېمبارگو قويۇشكەن. لېكىن ئۇ، ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىنى ناھايىتى كېچىپ بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامىت كۆكتۈرك: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئائىلىسىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشتىن باشقا، چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا مەسئۇل كۆرۈۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا ھوقۇقتىكى بىر ئورتاق قائىدە ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان جىنايىتىگە ئۆزى مەسئۇل.

لېكىن خىتايدا ئۇنداق ئەمەس. خىتاي خەلقئارا جەمئىيەت قوبۇل قىلغان قانۇنلارنى، ئۇنىڭ ئۆلچەملەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىمەن. خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى خىتاي شوۋېنىزىمىدىن ھاسىل بولغان چۈشەنچە، دەپ ئويلايمەن. خىتاينىڭ بۇ كۆز قارىشى ئۇنىڭ ھوقۇق ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىغا سىڭىپ كەتكەن. نۆۋەتتە، ب د ت شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكنى، تەن جازاسىنى ناھايىتى كەچ كۆردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تەن جازاسى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىقرارنامىنى دەلىل قىلىپ ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سوراق جەريانىنى كامېراغا ئېلىشنى بېكىتكەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەدبىر بەلكى قانۇنى تەرتىپنى كۈچەيتىپ، گۇماندارلارغا مۇئامىلىنى ياخشىلايدۇ، دېگەن ئۈمىد پەيدا قىلغان.

لېكىن مەزكۇر ئورگاننىڭ چارشەنبە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ساقچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئامال تاپقانلىقىنى، تەن جازاسى داۋاملىق يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بەزى ساقچىلار تۇتقۇنلارنى باشقا ئورۇنغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلىدىكەن ۋە تۇتقۇنلاردا ھېچقانداق جاراھەت پەيدا قىلمايدىغان قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە، ساقچىلارنىڭ ھىيلە ئىشلىتىپ، سوراق جەريانىنى تولۇق كامېراغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار سوراق ئارىسىدا كامېراغا ئېلىشنى توختىتىپ قويۇپ، تۇتقۇنلارنى باشقا جايغا ئېلىپ چىقىپ قىينايدىكەن. مەھبۇسنى قايناپ ئىقرار قىلدۇرغاندىن كېيىن، سوراقخانىغا قايتۇرۇپ كىرىپ، تۇتقۇننىڭ ئىقرارىنى كامېراغا ئالىدىكەن.

ھامىد كۆكتۈرك ئەپەندى، بۇ خىل قانۇنسىزلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەردە ئومۇميۈزلۈك

مەۋجۇت ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ چىقارغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى شەرقىي تۈركىستاندا تەن جازاسىغا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن.

ھامىد كۆكتۈرك: خىتاي 2009 - تەن جازاسىغا خاتىمە بېرىشنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، لېكىن 2011 - يىلى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش قانۇنىنى چىقاردى. بۇ قانۇنىغا بىر ماددا كىرگۈزدى. بۇ ماددىدا بىر ئادەم بىر جىنايەت ئىشلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن جىنايەت ئىشلەش ئېھتىمالدىن شۈبھىلەنگەن، گۇمان قىلغان كىشىلەرنى تۇتۇش، سوراق قىلىش، قاماش جازالىرىنى بېرىش كىرگۈزۈلگەن. ھازىر كەلگەن - كەتكەنلەردىن كۆرۈۋاتىمىز، ئاڭلاۋاتىمىز، ياش - ياش ئىنسانلار تۈرمىگە كىرىپ، 25، 35، 45 ياشتىكى ئىنسانلار بىر مۇددەت تۈرمىدە يېتىپ چىققاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى. چۈنكى، ئۇ يەردە بۇلارغا ھەر تۈرلۈك تەن جازاسى بېرىدۇ. ئىسكەنجە قىلىدۇ، زۇلۇم سالىدۇ. مەنىۋى زۇلۇم سالغاندىن سىرت، مەنىۋى زۇلۇممۇ سالىدۇ.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى بۇ يىل 11 - ئايدا جەنۋەدە ئېچىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەن جازاسى چەكلەنگەندىن بۇيان خىتايدا تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالى جىددىي ئازايغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 11 - ئايدىكى يىغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى جىددىي تەقىب ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.