مۇخبىرىمىزنىڭ قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا زاۋىنىڭ تۆگەتوغراق كەنتىدىكى بانۇخان روزىمەمەت ئىسىملىك 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بانۇخان روزىمەمەت لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، «كۈچەيتىپ تەربىيىلەش» نامى ئاستىدا 11 يىللىق كېسىلگەن ۋە بوستانكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ يېزىنىڭ تۆگەتوغراق كەنت 4-مەھەللە ئەزاسى بانۇخان روزىمەمەتنىڭ ئۆتكەن ئايدا تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، بانۇخان روزىمەمەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى جەمئىيەتكە بەك كەڭ تارقالمىغان. ھەتتا تۆگەتوغراققا قوشنا كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرمۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ كېتەلمىگەن. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 40 نەچچە ياشلارغا كىرگەن، 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان بانۇخان روزىمەمەت قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاتالمىش بوستانكۆل «تەربىيىلەش مەركىزى» بىلەن يانمۇ يان جايلاشقان بوستانكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.
زاۋا يېزىسىدىكى كەنت كادىرلىرىدىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بانۇخان روزىمەمەت شېكەر كېسىلى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن بوستانكۆل تۈرمىسىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن ۋە دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. ئەمما ئۇنىڭ شېكەر كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. يەنە شۇ كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۈستىدىن «كۈچەيتىپ تەربىيىلەش» دېگەن نامدا جازا مۇددىتى بېكىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بانۇخان روزىمەمەت «توپلىشىپ تەبلىغ ئاڭلاش» جىنايىتى سەۋەبلىك 11 يىللىق كېسىلگەن ئىكەن. مەزكۇر كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، «كۈچەيتىپ تەربىيىلەش» كاتېگورىيەسىدىكى مەھكۇملار ئادەتتە 10 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسى كېسىلگەنلەر بولۇپ، بانۇخان روزىمەمەت ئاتالمىش بوستانكۆل «تەربىيىلەش مەركىزى» بىلەن يانمۇ يان جايلاشقان بوستانكۆل تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «كۈچەيتىپ تەربىيىلەش» دېگەن بۇ ئاتالغۇ لاگېرلار ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇچرىغان يېڭى بىر ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ خىل «تەربىيىلەش» نىڭ قاچاندىن بېرى قانداق كىشىلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ۋە قەيەرلەردە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھازىرچە رەسمىي ھۆججەتلىك ماتېرىياللار مەۋجۇت ئەمەس.