ئاتۇشتىكى لاگېردا «ئىپادىسى ياخشى» بولغانلارنىڭ كەسىپكە چىققانلىقى ۋە لاگېردا ھەقسىز ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
2019.01.28

مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشتىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا لاگېرلاردا «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ كەسىپكە چىقىرىلغانلىقى، كەسىپكە چىققانلارنىڭ يەنىلا شۇ لاگېر ئىچىدە ھەقسىز ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردا ئېغىر زەخمەت چەككەن بىر تۇتقۇن جېنىنى بىرئاز راھەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كەسىپكە چىقىشقا ئىلتىماس سۇنغان، ئەمما ئۇنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا لاگېردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كەسىپكە چىقىرىلغانلىقى، كەسىپكە چىقىرىلغانلارنىڭ بولسا يەنە شۇ لاگېرنىڭ ئىچىدە كەسىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقى ياكى ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇشتىكى مەلۇم بىر كەنتتىن 11 كىشى لاگېردا بولۇپ، بۇلاردىن ھازىرغا قەدەر 3 نەپىرى كەسىپكە چىققان.
ئاتۇشتىكى مەلۇم كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ كەنتىگە تەۋە بولغان بىر كىشى لاگېردا «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىش باسقۇچىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كەسىپكە چىققان. مەزكۇر ئەزاسى بىلەن كەنت ئىشخانىسىدا ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ سېكرېتار كەسىپكە چىققانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ «نىسبەتەن ياخشى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لاگېردىن كەسىپكە چىققانلارنىڭ لاگېردىكى نورمال تۇتقۇنلارغا نىسبەتەن شارائىت جەھەتتىن كونكرېت قانداق پەرقلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئاھالىلەردىن بىرى لاگېردىكى ئوغلىنىڭ كەسىپكە چىقىش ئۈچۈن لاگېر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىلتىماس قىلغانلىقى، ئەمما ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاتۇشتىكى بىر تۇتقۇننىڭ كەسىپكە چىقىش بىلەن لاگېردىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇ قەدەر ئىنتىلىشى لاگېردا «دۆلەت تىلى» ۋە قانۇن ئۆگىنىش باسقۇچىنىڭ ئېغىر زەخمەتلىك بىر جەريان ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.
ئۆتكەن يىلى لاگېر ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزدە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ «دۆلەت تىلى» ۋە قانۇن ئۆگىنىش ئۈچۈن ياتاقتىن سىنىپقا قوراللىق يالاپ ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقى، ياتاقلىرىدىمۇ ئۆزئارا سۆزلىشىش ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، مۇنچا، ھاجەتخانا ۋە كارىۋات ئۈستىدىمۇ 24 سائەت نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىدەك ئېغىر ئىسكەنجىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
لاگېرلار ھەققىدە قەشقەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا بۇ لاگېرلاردا ئاساسلىقى ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن ۋە «دۆلەت تىلى»، يەنى خىتاي تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. غۇلجا ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى، ئەمما جەمئىيەتكە بېرىدىغان يامان تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ مەكتەپلەرگە «كەسپىي تەربىيە مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەنلىكى، بۇ نامنىڭمۇ ئىلگىرى-كېيىن 4 قېتىم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قويۇلغانلىقى ۋە بەزى چاغلاردا ئارىلاپ كەسپىي دەرسلەرنىڭمۇ ئۆتۈلۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ يامان تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم لاگېرلاردا كەسپىي دەرسلەرنى قوشقىنىغا ئوخشاش يەنە خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا جاۋابەن بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ ئىچىگە كىچىك تىپتىكى زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرغانلىقى ۋە بۇنى يېقىندا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي چەتئەل مۇخبىرلىرىغا كۆرسەتكەن بۇ سورۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي ياسالما سەھنە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ئاتۇشتىكى يېڭى سانائەت رايونىغا تەسىس قىلىنغان لاگېرلارنىڭ ئىچىگە تۇتقۇنلارنى كەسىپكە چىقىرىش ئۈچۈن ياتاق بىنالىرىنىڭ يېنىغا زاۋۇت-فابرىكا قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئالاقىدار كەنت كادىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاتۇشتىكى لاگېرلاردا «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغانلارنىڭ كەسىپكە چىقىرىلغىنىغا بىرقانچە ئاي بولغان ئىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر لاگېرلاردا بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ كەسىپكە چىقىرىلىشىنىڭ تەشۋىقات ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنى رايوندا ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ كېتىش بىلەن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان كىچىك تىپتىكى خىتاي كارخانىلىرىنى تىرىلدۈرۈش ۋە ياكى ھۆكۈمەت لاگېرلارغا سەرپ قىلىۋاتقان چىقىملىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.