لاگېر ساقچىسى: «زۆرۈر تېپىلغاندا مۇنچىدا زوڭزايتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش جازاسى قوللىنىلىدۇ»

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈن ئاڭلىتىلىدىغان قىسمىدا لاگېردا كېسەللەرگە ۋە ئۇنىڭ ياتاقداشلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. تەربىيىلەش ئوبيېكتى قىلىنغانلارنىڭ ھەرقانچە ئېغىر كېسىلى بولسىمۇ قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ لاگېر ساقچىسى ئەگەر لاگېرىدىكىلەرنىڭ بىرەرىدە ئېغىر كېسەللىك بايقالسا ساقچىلارنىڭ ئۇنى دوختۇرخانىغا يۆتكەشنىڭ ئالدىدا شۇ ياتاقتىكى باشقا تۇتقۇنلارنى مۇنچىغا ئېلىپ چىقىپ زوڭزايتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ساقچى يەنە ياتاقتىكى تۇتقۇنلارنى مۇنچىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش جازاسىنىڭ ئۇلارنىڭ كېسەل بولغان تۇتقۇننى يۆتكەشكە كەلگەن ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.