شاھىتلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەقىبلەشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلىماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2018.11.15
lager-sim-tor-chegra-terbiyelesh-orni.jpg ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان، كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى قويۇلغان مەلۇم بىر ئورۇن. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، پەيزىۋات.
AP

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» نى ۋە شۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2018-يىللىق «كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنى» دا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىزچىل ئادىل بولۇپ كەلگەنلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە يىغىندىن كېيىن خىتاي ئاخباراتلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت تەشەببۇسلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدەك بايانلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى يوشۇرۇشنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتتە بولغان مەزگىلدە، شۇ جايدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلاۋاتقان شاھىتلار كۈنسايىن مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. 10-نويابىر كۈنى ئەنگلىيەنىڭ «سەھنە» (The Platform) بلوگ بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ سايىسى ئاستىدا» ناملىق باش ماقالىدە، مەزكۇر بلوگنىڭ تەھرىرات باشقۇرغۇچىسى ئەھمەد خان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتتە بولۇش داۋامىدا كۆرگەن رېئاللىقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلغان: «ئۇلار دىنىي ئەركىنلىكنىڭ، ئىسلامچە سالاملىشىشنىڭ ۋە مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى بولغان ئۇيغۇر تىلى ھەرقايسى جەھەتلەردىن چەكلەنگەن، شۇ ئارقىلىق ئۇنى مائارىپتا ئارتۇقچە ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئەدەبىياتتىكى ۋە كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىشتىكى رولىمۇ تىزگىنلەنگەن. مەن ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگەنلىكىنى سورىغىنىمدا، گويا بۇ بىر خىل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دەۋردىلا بولىدىغان خىيالىي ئىدىيەدەك، تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى.»

ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى، ناخشا ۋە شېئىرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى ئاندا-ساندا يوقلاپ قويىدىكەن. بىر-بىرىگىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايدىكەن. ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈنلەردىكى بۇرۇنقى خۇشال مەنزىرىلەر نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى پەيدا قىلغان ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسى سۇسلاپ كېتىپتۇ. باشقا ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشاش، مۇھەببەت ناخشىلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىشى شەرت ئىكەن. ئانا تۇپراق مەدھىيەلەنگەن شېئىرلار ئاللىقاچان يوقىلىپ كېتىپتۇ.»

ئاپتور يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن ساقچى پونكىتلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇ بايانلىرىدا نەچچە يۈز مېتىردا بىر ساقچى پونكىتى بارلىقى، ئىچىدە ھەر ۋاقىت چارلاش ئەترىتىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر شەھىرىنىڭ بەزى جايلىرىدا ھەر ئىككى دۇكاندا بىردىن جىددىي تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ بايان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قازان-قومۇچلارنى سېتىۋېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، بىسلىق ئەسۋابلارنىڭ نورمال تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاسان ئوت ئالىدىغان، گازدا ئېرىيدىغان يېلىم ۋە قىسىلغان گاز بوتۇلكىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسەن چەكلىنىپتۇ. ھەتتا چاقماقمۇ تەكشۈرۈش پونكىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدىكەن.

يۇقىرقى ماقالىغا قارىتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۇرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ  ئۇيغۇر دىيارىدا يۈزگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى كەلگۈسىدە بولماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز، دېيىش ئارقىلىق ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مەسچىتلەردە ئادەم ئازلاپ كەتتى، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە سۇسلاپ كەتتى، دېگەن ئەھۋاللار پەقەت سىرتقى كۆرۈنىشى، ئۇ يەرنىڭ ئىچىدە نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ، زادى قانچىلىك ئادەمگە زۇلۇم سېلىنىۋاتىدۇ، دېگەنلارنى بىز بىلمەيمىز. بۇ باستۇرۇش ئادەمنىڭ ئەقلى سىغمايدىغان دەرىجىدە بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلانى 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ناتسېستلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش  لاگېرى بىلەن سېلىشتۇرساق بولىدۇ.»

يۇقىرىقى ماقالىدىن باشقا يەنە 11-نويابىر كۈنى «بوشۈن تورى» دا بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا كۆرگەنلىرى بايان قىلىنغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالە بەش نۇقتىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تورلاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىقى، مەسئۇلىيەت چېتىشلىقى ۋە رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ زور مىقداردا ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئىككى نۇقتا، يەنى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ زور مىقداردا سىرتقا ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر. ماقالە ئاپتورىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە كىتابلارنىڭ بېسىلىشى چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشەنمىگەن ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىم رايونغا بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، بۇ سىياسەتنىڭ 2017-يىلى كۈزدىن باشلانغانلىقىنى بىلگەن ئىكەن.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ پەخرىي باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقىنى سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى يوق قىلىش ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى پۈتۈنلەي چەكلەشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىپادىسى.»

ماقالىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ زور مىقداردا سىرتقا ئېقىپ كېتىشى مەسىلىسىدە ئاپتور مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ داۋاملىق ئېقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى توڭلىتىپ قويغان. بۇ سىياسەت چېگرا رايونلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ چەتكە چىقىشى ۋاقتىنچە توختىلىپتۇ.»

بۇنىڭدىن بۇرۇن رادىيومىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدىن نۇرغۇن خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ، ئۇلارغا ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىڭ باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا بولماقتا. ئۇنداقتا خىتايلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق ياخشى شارائىتلارنى تاشلاپ كېتىشكە رازى بولۇۋاتىدۇ؟ خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتقان باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۇ يەردە ياشىغان ھەرقانداق ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ئەلۋەتتە خەنزۇلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەنزۇلار ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشنى خالىغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە باشقا يەرلەرگە كۆچۈش ھادىسىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مېنىڭچە بۇنداق شارائىت ئاستىدا خەنزۇلار كەلگۈسى بىر قانچە يىللارغىچە ئۇيغۇر دىيارىغا قايتا كەلمەسلىكى مۇمكىن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.