«لاگېرلار مەسىلىسى» ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

0:00 / 0:00

د ئۇ ق «لاگېرلار مەسىلىسى» نى ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا جىددىي تېما ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

25-ئىيۇن د ئۇ ق نىڭ بىريۇسسېلدىكى خىزمەتچى خادىمى ريان ئەپەندى ب د ت 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ 3-بۆلۈمىدە سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تەكرار تىلغا ئالغان.

23-ئىيۇن د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ۋە قۇرۇلتاي خادىمى شەھرىزات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، 25-ئىيۇن ريان ئەپەندى بۇ تېمىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىۋاتىمەن. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قامال ئاستىدىكى لاگېرلارغا بەند قىلماقتا. 2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان لاگېرلاردا ئېغىر قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەكتە. ئائىلىلەر پارچىلانماقتا. مىڭلىغان ئىنسان ئىز-دېرەكسىز يوقالماقتا. ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلاندى. بۇ لاگېرلار كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدىغان، پۈتۈن بىر ئېتنىك مىللەتنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان جازا لاگېرىدۇر».

ريان ئەپەندى سۆزىدە يەنە شۇنداق دېگەن: «بىر يىلدىن بۇيان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قېيىن-قىستاقلار ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان، قاتتىق-ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقان، بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار ئۈزۈلمەي تارقىلىۋاتقان، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى توختىماي مەلۇماتلار ئېلان قىلىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلار زار-زار قاقشاۋاتقان بولسىمۇ، كانادادىن باشقا ھېچ بىر دۆلەت ب د ت دا بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ باقمىدى. كانادا ھۆكۈمەت ۋەكىلى بۇ يىل 3-ئايدا ب د ت بۇ ھەقتە قىسقىچە بولسىمۇ رەسمىي پىكىر بايان قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار توغرۇلۇق مەلۇمات ئېلىش، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بار. ب د ت بۇ ھەقتە ئاكتىپ تەدبىر ئېلىشى لازىم. ئەگەر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ داۋاملىق زۆرۈرىيىتى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھېلىمۇ باراۋەر ياشاش ھەق-ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا ب د ت نىڭ بۇ ئىشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى ھەمدە دەرھال ئۈنۈم بېرەلەيدىغان چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىنى سورايمىز. بىز بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە دادىل پىكىر بايان قىلىشىنى، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى، خىتايدىن قورقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. گەپ قىلىشنىڭ دەل پەيتى مانا مۇشۇ».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بىريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ب د ت دا قۇرۇلتاي خادىمى ريان ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق نىڭ ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا مەخسۇس مۇشۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرۇلۇق يىغىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.