بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلماقتا. مەزكۇر كېڭەشنىڭ 27-ئىيۇن كۈنىدىكى يىغىنىدا ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ باياننامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. شۇ كۈندىكى يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە يەنە 6 دۆلەت ۋەكىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇر ئېلىدا «يېپىق تەربىيە» نامىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
27-ئىيۇن كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيە مەركەزلىرى» مەسىلىسىنى ئوچۇق تىلغا ئالغان دۆلەت ۋە ئورگانلار بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە شىۋىتسارىيەدىن ئىبارەت.
يىغىندا بۇلغارىيە ۋەكىلى ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن تۆۋەندىكى باياننامىنى ئوقۇپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا ‹قايتا تەربىيە لاگېرلىرى› نى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلماقتا،» دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلەردىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىشكە ۋە ئۇلارنىڭ تۈرمىلەردە قېيىن-قىستاققا ئۇچراش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.
گېرمانىيە ۋەكىلى يىغىندا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «ھۆرمەتلىك مۇئاۋىن رەئىس. گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىنى قوللايدۇ. گېرمانىيە يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ئىران، ئىراق، مىسىر ۋە خىتايدا ئۆلۈم جازالىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بۇ دۆلەتلەر ئادىل بولمىغان سوتلارنى ۋە قېيىن-قىستاقلارنى ئىجرا قىلماقتا. 18 ياشقا توشمىغانلارغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىقتۇر. . . بىز خىتايدىكى بارغانسېرى چېكىنىپ مېڭىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر، دىنىي گۇرۇپپىلار ھەم تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قايغۇرماقتىمىز. بىز خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› نى دەرھال تاقاشقا چاقىرىمىز. »
گېرمانىيە ۋەكىلى يەنە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى ۋە گۇي مىڭخەي قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭمۇ دەرھال ئازاد قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئارقىدىن ئەنگلىيە ۋەكىلىمۇ باياننامىسىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرىدىن قايغۇرماقتىمىز شۇنداقلا تىبەت ۋە شىنجاڭ رايوندىكى ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا،» دېگەن. ئەنگلىيە ۋەكىلى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلغانلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىرغان.
شۋېتسارىيە بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى ئوچۇق تىلغا ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شۋېتسارىيە ۋەكىلى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› نى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنتايىن ئىشەنچلىك خەۋەرلەر شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئويلاندۇردى. ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز، ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇن قىلىنغانلارغا قانۇن بويىچە سوتقا تارتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا، ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇلارغا مىللىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزمەسلىككە چاقىرىمىز.»
فىرانسىيە ۋەكىلى سۆزىدە خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە فىنلاندىيە بولسا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى باھالاشتا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يىغىن جەريانىدا خىتاي ۋەكىلىگە ئىككى قېتىم سۆز قىلىش پۇرسىتى كەلگەن. بۇنىڭ بىرى، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە خىتاينىڭ باياناتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولسا، يەنە بىرى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىدلەنگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تەنقىدلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت ئىدى. ھەر ئىككى پۇرسەتتە خىتاي ۋەكىلى يۇقىرىقى خىتاينى تەنقىد قىلغان دۆلەتلەرنى ئەيىبلىگەن. خىتاي ۋەكىلى بىرىنچى قېتىملىق سۆزىدە يۇقىرىقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تىلغا ئېلىپ، بۇ دۆلەتلەرنى «ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىدى، ئۇلارغا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىۋاتىدۇ،» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
خىتاي ۋەكىلى ئىككىنچى قېتىملىق سۆزىدىمۇ يەنە بۇ دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايونلاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
0:00 / 0:00