مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاۋۋال لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى» نىڭ ئورنىغا ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ، ئۇنى ئۇششاق جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېچىلغان «تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ پەردازلاپ كەلگەن ئىدى. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپ، يېڭىدىن قوشۇلغان «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» گە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېرلارنى «ئىختىيارىي يوسۇندا» ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دەپ ئىزاھلىشىدۇر.
دىققەت قىلىدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى دەسلەپ ئىنكار قىلىش، ئاندىن ئېتىراپ قىلىش، ئاخىرىدا چۈشەندۈرۈش بېرىشتەك بىر قاتار زىددىيەتلىك باسقۇغلارنى بېسىپ ئۆتكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شۆھرەت زاكىر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇزۇن سۆھبىتىدە جازا لاگېرلىرى تولۇق ئەسلىھەلەنگەن «دەم ئېلىش ئورنى» سۈپىتىدىكى جاي دەپ تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەسۋىر مۇنداق بايان قىلىنغان: «مەكتەپنىڭ ئىچىدە قەھۋەخانا ۋە قۇۋۋەتلىك ھەقسىز يېمەك-ئىچمەكلەر بار، ياتاق ئۆي ھاۋا تەڭشىگۈچ، رادىيو، تېلېۋىزور، تازىلىق ئۆيى ۋە مۇنچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. سىرتتىكى پائالىيەت مەيدانىدا ۋاسكېتبول، ۋالىبول ۋە تېننىس توپ مەيدانى ھازىرلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىتاب ئوقۇش ئۆيى، كومپيۇتېر ئۆيى، كىنوخانا، نومۇر ئورۇنلاش زالى قاتارلىقلارمۇ سېلىنغان. تەربىيلەنگۈچىلەر مەكتەپنىڭ ئىچىدە ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ماقالە يېزىش ۋە دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى، بۇ خىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.»
بۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا يەنە خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 13-قانىلى «قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» پروگراممىسىدىمۇ ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئىچكى مەنزىرىسى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق دۆلەت تىلى، يەنى خىتاي تىلى، قانۇن ۋە كەسپىي تېخنىكىلارنى ئۆگىنىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە بۇ خىل تېخنىكا مەكتەپلىرىدە كىيىم تىكىش، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل تېخنىكا دەرسلىرى تەسىس قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن.
بىر قىزىق نۇقتا شۇكى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە چەك قويۇپ، ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگۈزمەسلىك، كىتابلارنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى يىلتىزىدىن يوقىتىشقا ئۇرىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ خىل تېخنىكا مەكتەپلىرىدە مىللىيچە گىلەم تىكىش، نان يېقىش ۋە ئەتلەس كۆڭلەك تىكىش قاتارلىق تەربىيەلەش تۈرلىرىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك كۆز بويامچىلىقلىرىغا خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان. 16-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون ئانالىزى» تورىدا بېسىلغان «خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرى ھەققىدىكى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدىغان ئىزاھاتلىرى» ناملىق ماقالىدە ئاپتور توم روگان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ تۇرۇپ، يەنە ھەرخىل قاملاشمىغان باھانىلەرنى تېپىشىنى «خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە مەشغۇلاتى» دەپ ئىزاھلىغان.
ماقالىدە ئاپتور خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئاتالمىش «تېخنىكا مەكتەپلىرى» ھەققىدىكى «گۈزەل» تەسۋىرىگە كىنايىلىك جۈملىلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «قاراڭ، ھەقىقەتەن بىر تەتىل خاراكتېرلىك جاي ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىپ بېرىپتۇ. مەكتەپ ئاشۇنداق ئىلغار كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرىنى ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە، تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىشىپ بېرىدىكەن.»
ماقالىدە توم روگان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىتى ۋە ئېتىقادى سەۋەبلىكلا جازا لاگېرلىرىغا تاشلىنىۋاتقانلىقى، لاگېرلاردا دەھشەتلىك «مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى» ئېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شۆھرەت زاكىر ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېزدىن مۇناسىۋەتلىك جازا قوللىنىشقا چاقىرغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى نومۇسسىزلارچە پەردازلاشلىرىنىڭ لاگېردا يېتىۋاتقان ۋە يوقاپ كەتكەن ئائىلىلەر ئۈچۈن بىر ھاقارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ: «ئۇ ‹كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى› ئەمەس، ئۇ دېگەن جازا لاگېرى» دېگەن.
باياناتتا يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن جازا لاگېرىغا باھا بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇنداق جازا لاگېرىنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيىتى جازالاش ۋە قىيناش، ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئۆگىتىش ئەمەس. نۆۋەتتە ئىزچىل تۇتقۇنلارنىڭ تاياق يەيدىغانلىقى، ئىنتايىن ناچار يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىدىغانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئايرىم قامىلىشىغا ئائىت دوكلاتلار توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەت بىر مىليوندەك ئادەمنىڭ ھاياتىغا يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى.»
ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇشۇنداق نومۇسسىزلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە قانداق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇنى تىزگىنلەش ۋە كونترول قىلىش كېرەك؟ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ نۇقتىدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «خىتاي خەلقئارانىڭ ئىنكاسلىرىغا پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىستىراتىگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سالدى، بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان. بۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن خەلقئارادا خىتايغا ناھايىتى كۈچلۈك قارشىلىق بولۇشى كېرەك ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللىنىشى كېرەك. ئەگەر بۇ جازا يولغا قويۇلمىسا، خىتاي يەنە خالىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ.»
0:00 / 0:00