قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى لاگېرنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن قەۋىتىدىكى 200 چە كىشىدىن 10-20 سىنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان بوۋايلار، 5-10 نەپىرىنىڭ بولسا 15-18 ياش ئارىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا كۈنىگە 3 ۋاق، يېرىم قاچىدىن تاماق بېرىلىدىغانلىقى، ناشتىلىقىنىڭ بولسا شىفەن ئىكەنلىكىنى، تاماقنى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ دەپ سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە تۇتقۇنلارنىڭ تاماق تاللاش ياكى تاماقتىن شىكايەت قىلىش ھەققى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.
سوئال: «تەربىيەلەش» تىكىلەرنىڭ ياشتا ئەڭ چوڭى قانچە ياش؟
جاۋاب: يەتمىش نەچچە ياشتا بار.
سوئال: ياشتا ئەڭ كىچىكىچۇ؟
جاۋاب: ئون بەش ياش. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇۋاتقان، 9-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بالىلار
سوئال: سىز ئىشلىگەن شۇ قەۋەتتە 15 ياش بىلەن 18 ياشنىڭ ئارىسىدا قانچىسى بار؟
جاۋاب: 10-20 سى بار.
سوئال: يەتمىشتىن ئاشقانلاردىنچۇ؟
جاۋاب: 5-10 نى بار.
سوئال: ئاياللار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟
جاۋاب: مەن ئىشلەۋاتقان چاغدىكى ئىككى بىنادىكى 10 قەۋەتنىڭ ئىككى قەۋىتىدە ئاياللار بار ئىدى.
سوئال: دېمەك بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە كادىرلار، ئىككىنچى قەۋىتىدە ئاياللارمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئەڭ تۆپىدىكى قەۋەتتە ئاياللار بار.
سوئال: تاماق قانچە قېتىم بېرىلىدۇ، نېمىلەر بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: ئەتىگەندە شىفەن بىلەن نان ياكى موما، چۈشتە پولۇ، كەچتە سۇيۇقئاش.
سوئال: مىقدارى قانچىلىك؟
جاۋاب: قاچىدا بېرىلىدۇ، ئادەتتە يېرىم بېرىلىدۇ، تاماق ئېشىپ قالسا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
سوئال: تاماقنى قانداق يېيىش ھەققىدە شەرت بارمۇ؟
جاۋاب: يوق، شۇ تامىقىنى تىزىغا قويۇپ يېيىشىدۇ.
سوئال: قانداق قاچا ئىشلىتىدۇ؟
جاۋاب: بۇرۇن تۆمۈر قاچا ئىشلەتكەن، كېيىن سۇلياۋ قاچىغا ئۆزگەرتتۇق.
سوئال: نېمە ئۈچۈن؟
جاۋاب: تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن قاچىنى يۇيۇپ بىزگە تاپشۇرغۇچە قاچا ئۆزلىرىنىڭ قولىدا تۇرىدۇ. شۇ چاغدا دۇشا قىلىۋالىدىغان(ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان) ياكى باشقىسىنى زەخىملەندۈرىدىغان ئىش چىقماسلىقى ئۈچۈن.
سوئال: بۇلارنىڭ ئۆزلىرى يەۋاتقان تاماقنى ھالالمۇ-ھاراممۇ، ئىچىدە نېمە بار دەپ سوراش ھەققى بارمۇ يوق؟
جاۋاب: ئۇنداق سوراشقا رۇخسەت يوق، بىز نېمە بەرسەك شۇنى يېيىشى كېرەك، كۆنۈشى كېرەك. .
سوئال: سىز ئىشلەۋاتقان جەرياندا، ھالال-ھارامنى ئايرىپ، ئىچىدە چوشقا گۆشى بار دەپ گۇمان قىلىپ، تاماق يېيىشنى رەت قىلىدىغان ئەھۋاللار بولدىمۇ؟
جاۋاب: بۇنداق ئەھۋاللار بۇرۇن بولدى. يۇقىرى ئورۇنلارغا مەلۇم قىلدۇق.
سوئال: قانداق خۇلاسە چىقتى، ئۇلارغا بۇنداق دېمەسلىكىڭ كېرەكتى دېيىلدىمۇ؟ نېمە دېيىلدى؟
جاۋاب: بۇنى بىرئاز مۇھىم ئىش دەپ قارايمىز، ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بولمىدى، ئۇلارنى گوباۋنىڭ (دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى) بىر تەرەپ قىلدى.
سوئال: سىلەرنىڭ-كادىرلارنىڭ تامىقى شۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگىمۇ-ئەمەسمۇ؟. . . بارمىسىز تېلېفوندا؟. . . . سىزنىڭ بىلىشىڭىزچە، شۇ تاماقلاردا چوشقا گۆشى بار يوقمۇ؟. . . . . قېنى بارمۇسىز؟. . . .
0:00 / 0:00