ئاتۇشتىكى 55 ياشلىق تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئىككى ھەپتىدىن بېرى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئاتۇشنىڭ ئازغان كەنتىدىكى تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بىرقانچە كۈندىن بېرى ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ساقچى ۋە كەنت كادىرلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بىرقانچە بالىنىڭ ئاتىسى بولغان 55 ياشلار چامىسىدىكى تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ ئۆتكەن ئاي يەنى دېكابىرنىڭ ئاخىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. ۋەلى مەمەتنىڭ 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بالىلىرىنى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئاتۇشتىكى لاگېردا جان ئۈزگەن ۋەلى مەمەتنىڭ ئاتۇشتا تونۇلغان كەنت باشلىقلىرىدىن «مەمەت دادۈيجاڭ» دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئاتۇش بازارلىق ساقچى خادىملىرى ۋەلى مەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇردا ۋەلى مەمەتنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ئاتۇش ئازغاندا كۆپ ساندا ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلىكى ۋە مۇسىبەتلىك ئائىلىنى نازارەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئاساسى قاتلامدىكى ساقچىخانىلاردىن، بولۇپمۇ، ئۆلگۈچى تەۋە بولغان يېزىلىق ساقچىخانىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ساقچىخانا خادىملىرىدىن بىرى لاگېردا جان ئۈزگەن ۋەلى مەمەتنىڭ ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزا ئازغان كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئازغان كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ۋەلى مەمەتنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ دادىسى مەمەت دادۈيجاڭنىڭ خېلى يىللار بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقىنى بايان قىلدى. تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇردا ۋەلى مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. كەنت كادىرلىرىدىن بىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەلى مەمەت 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىرىنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەھەللىدىكى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بەرگەن؛ بۇ قىلمىش ئۆتكەن يىلغا كەلگەندە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇردا ۋەلى مەمەتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاتۇشتىكى كەنت كادىرلىرىدىن بىرى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن لاگېرغا بارغانلىقى ۋە لاگېردا ۋەلى مەمەت بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە سالامەتلىكى ئالاھىدە ياخشى بولغان ۋەلى مەمەت لاگېردىكى ناچار مۇھىت ۋە ناچار ئوزۇق سەۋەبىدىن، بەدەن قۇۋۋەت جەھەتتە بەكلا ئاجىزلىغان. ئاتۇش سۈنتاغدىكى ئاھالىلەردىن بىرى سۈنتاغدا لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ يالغۇز ۋەلى مەمەت ئەمەسلىكى، ئۆزىنىڭ ئاز دېگەن 5-6 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋەلى مەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر، 55 ياشلار چامىسىدىكى ۋەلى مەمەتنىڭ جامائەتچىلىك ئىشلىرىدا ئاكتىپ بىر كىشى ئىكەنلىكى، ھەققانىيەتچىلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى؛ جەمئىيەتتە كۆزى كۆرگەن ھەقسىزلىقلارغا قارىتا ھەر ۋاقىت پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ۋە ھەتتا قول تىقىپ كەلگەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم تۇتۇلۇشى ۋە لاگېردا جان ئۈزۈشىگە، ئۇنىڭ ئەنە شۇ خارەكتېرىنىڭ سەۋەب بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.