قەشقەردىكى لاگېرلاردىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكى دەلىللەندى
2018.09.28
يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى ئۈستىدىن سوت ئېچىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇلاردىن بىر تۈركۈمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا غۇلجىدىكى لاگېردىكىلەردىن بىر تۈركۈمىنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا قەشقەردىكى لاگېردىكىلەر ئۈستىدىنمۇ سوت ئېچىلىۋاتقانلىقى ۋە بىر تۈركۈمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەخپىي ھالدا يۆتكىلىۋاتقانلىقى بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بەزى جايلاردا لاگېردىكىلەرنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ سوتلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. بۇ ئۇچۇرلاردا سوتلانغانلارنىڭ ئاز دېگەندە 3 يىلدىن بەش يىلغىچە، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا 10 يىلدىن 15 يىلغىچە كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
بۈگۈن قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىدە لاگېردىكىلەر ئۈستىدىن سوت ئارقا-ئارقىدىن سوت ئېچىلىۋاتقانلىقى، كۈنىگە 50 چە كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتقانلىقى، بۇلاردىن جازاسىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەھۋالدىن مەلۇمات بەرگەن ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلاقسۇ ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نەجمىدىن بەدەلھاجى 20 كۈننىڭ ئالدىدا بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتى بويىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ خادىم يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكەش ئىشىنىڭ بۇ يىل باشلانغانلىقى، بۇنىڭغا قەشقەر تۈرمىلىرىدىكى ئورۇن يېتىشمەسلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
جازاسى نىسبەتەن ئېغىر بولغانلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە «تەربىيىلىنىش» نىڭ بىرئاز يۇقىرى «سەۋىيىلىك» بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكەش ئىشىغا توققۇزاق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياسىن ئابلانىڭمۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 26-سېنتەبىر كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدە 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان پويىز بېلىتىنىڭ سېتىلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. خەۋەردە بۇنىڭ پەقەت لىنىيە تەڭشەش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، ئەمما قاتناشنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن. بۇ خەۋەرمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.