گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە بېرلىندىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى. قوللىرىدا بايراق ۋە لوزۇنكا كۆتۈرگەن نامايىشچىلار شۇنچە قاتتىق يامغۇرغا قارىماستىن ئانچە يىراق بولمىغان مەيداندا ئەسكىرىي مۇراسىم بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى خىتايغا قارشى شوئار سادالىرى بىلەن كۆمۈپ تاشلىدى.
بۇ لى كېچياڭنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق گېرمانىيە زىيارىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بېرلىندىكى بىرىنچى قەدىمى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇڭگۇڭ ۋە باشقا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلەشمە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشىغا دۇچ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كۆپىنچىسى 500 كىلومېتىردىن يىراق بولغان جەنۇبتىكى ميۇنخېندىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشنىڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلدى. نامايىش يېتەكچىلىرىدىن دولقۇن ئەيسا نەق مەيداندىن نامايىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتى نامايىشچىلار تۇرغان جايدىن ئۆتكەندە سىم-سىم يامغۇرغا قارىماي نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان جامائەتچىلىكنىڭ غەزەپلىك كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئوز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا نامايىش جەريانىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ۋە پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.