لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى ئالدىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ گېرمانىيەگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇدىرى ماركۇس لورنىڭ ئەپەندى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى باشقارمىسى مۇدىرى جان رۇدولپخ ئەپەندى د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جانلار بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچراشتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىنى بەردى. ئۇلار گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ماركۇز لورنىڭ ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ يىل نىڭشيادا چاقىرىلغان 11-نۆۋەتلىك گېرمانىيە، خىتاي ئىنسان ھەقلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىكىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا قەشقەردە ئېچىلىدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.