جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە يادرو يېقىلغۇسى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش پىلانىغا قارشى ئۆتكەن شەنبە كۈنى باشلانغان نامايىشلار داۋام قىلماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گەرچە مەزكۇر پىلاننى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئاھالىلەر بۇنىڭدىن داۋاملىق ئەندىشە تۇيماقتىكەن. ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون قېتىم قىلغان يادرو سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش ئەمەس، ئۇچرىغان زىيىنى ئۈچۈن تۆلەممۇ تەلەپ قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك يادرو گۇرۇھى فىرانسىيەنىڭ ئاۋېرا شىركىتى بىرلىشىپ قۇرماقچى بولغان يادرو يېقىلغۇسى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە قۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ليەنيۈنگاڭ ئاھالىسى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان. ئۇلار مەزكۇر زاۋۇت قۇرۇلغان تەقدىردە ليەنيۈنگاڭنىڭ مۇھىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە سالىدىغان زىيىنىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا قاتتىق قارشى چىقىپ، ئۆتكەن شەنبە كۈنى نامايىش باشلىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ليەنيۈنگاڭدا زور كۆلەملىك نامايىش باشلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر جىددىي تەدبىر ئېلىپ، شەھەرگە ساقچى ۋە ئەسكەر يۆتكەپ نامايىشنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
ئىستانسىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئايال ليەنيۈنگاڭغا ھەربىي قىسىملارنىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نامايىش جەريانىدا ساقچىلار ۋە نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان. ھەر ئىككى تەرەپتىن يارىلانغانلار بولغان. ساقچىلار ھازىرغىچە 100 گە يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. بىراق، نامايىش 5 - كۈنىگە قەدەم قويغاندا ليەنيۈنگاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەھەر ئاھالىسىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار مەزكۇر نامايىشنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىپ، قاتناشقانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت يۇقىرىدىكى قارارنى چىقارغاندىن كېيىن نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى قوقۇپ نامايىشقا چىقىشتىن قەپقالغان. ئۇ «ھازىر نامايىشقا چىقىۋاتقانلار دەسلەپكى كۈنلەردىكىدەك ئۇنداق جىق ئەمەس، چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن خەقمۇ قورقىدۇ - دە. ھازىر شۇ 100 دەك كىشى قالدى. ۋەزىيەت جىددىي» دېدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 1964 - يىلىدىن 1996 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدا جەمئىي 46 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، لوپنۇر يادرو سىناق بازىسى دۇنيادىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا تەسىس قىلىنغان ئەڭ چوڭ يادرو سىناق مەيدانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىناقلارنىڭ زىيىنىغا ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. بىراق، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلگەن. ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ۋە ھازىر ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى كۆپ تەتقىق قىلغان ۋە بۇ مەسىلىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇشتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ليەنيۈنگاڭ خەلقىنىڭ بۇ خەۋپتىن ۋاقتىدا خەۋىرى بولۇپ، تەدبىر ئېلىپ، بۇنىڭغا جامائەت پىكرى پەيدا قىلالىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم بۇنىڭدىن يوقسۇنلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1996 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا 46 قېتىم يادرو سنىقى ئېلىپ بارغاننى ئاز دەپ، ئەمدىلىكتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو ئەخلەتلىرىنى ئەكىلىپ لوپنورغا كۆمۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى ۋە خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز زور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تۆلەم بېرىش تەلەپلىرىگىمۇ قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن قىلچىلىكمۇ كارى يوق» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى ليەنيۈنگاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گەرچە بۇ ليەنيۈنگاڭ خەلقى ئۈچۈن بىر غەلىبە ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ پىلاننىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنمىغانلىقى ئۇلارنى يەنىلا ئەندىشىگە سالماقتىكەن. ليۇ فامىلىلىك بىر شەھەر ئاھالىسى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ھېچ بولمىغاندا شەھەر خەلقىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ نامايىشلارنىڭ، يادرو.كوم دەيدىغان تور بەت مەزكۇر زاۋۇتنىڭ ليەنيۈنگاڭدا قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن چىققانلىقىنى ئېيتقان ھەم شۇنداقلا مۇتەخەسسسىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، خىتايدىكى يادرو سانائىتى ساھەسىنىڭ 2011 - يىلى ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئىستانسىسىدىكى ۋەقەسىدىن كېيىنلا دەرھال كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى، شۇڭا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ يادرو تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەنىۋەر توختى ئەپەندى بولسا، مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھېچقاچان خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ليەنيۈنگاڭ خەلقىنىڭ قارشىلىق نامايىشلىرىنىڭ بىر يېڭىلىق بولۇپ، كىشىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارمۇ چوقۇم خىتاي ئىچىدە شارائىت يار بەرگەن ئاساستا ئۆزلىرى ئۇچرىغان زىياننى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ليەنيۈنگاڭ ئاھالىسى قىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكىتى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن. جېجياڭ ۋە خېنەن ئۆلكىلىرىدىمۇ بۇ نامايىشنى قوللاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. باشقا ئۆلكىلەردىكى قوللىغۇچىلار ليەنيۈنگاڭغا بېرىپ ئۇلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە تەڭ ئىشتىراك قىلغان. بىر تورداش بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا «بىز بۇ قارارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھۆكۈمەت بىز بىلەن سۆز ئويۇنى ئويناۋاتامدۇ - قانداق» دەپ يازغان.
0:00 / 0:00