خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش مەقسىتى بىلەن 23-ئىيۇن كۈنى لوندوندا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا لوندون ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلدى.
نامايىشتا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان خېتىنى ئالدى بىلەن كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ لوندون شۆبىسىنىڭ مەسئۇلىغا بەرگەندىن كېيىن، كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ۋاراقچىلارنى تارقاتتى. بىز پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى كەرىم زايىر ئەپەندى ۋە نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
كەرىم زايىر ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە لوندوندا تۇرۇشلۇق كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىشخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان يازمىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلدى.
ئۇيغۇرلار ھەر قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ۋاراقچە تارقىتىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سورىغانلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. كەرىم زايىر ئەپەندى كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا ۋاراقچە تارقىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
كەرەم زايىر ئەپەندى ۋاراقچىلارنى ئالغان كىشىلەرنىڭ سوئاللارنى سوراپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ھەمراگۈل خانىم پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ۋاراقچە تارقىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن تارتىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون بىلەنمۇ سۆزلىشەلمەيۋاتىدۇ. ئاممىۋى ئاخباراتلاردا بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم قازاقلارنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەرمۇ؟ ھەمراگۈل خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى تۈگىگىچە نامايىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا ئۇيغۇر بالىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، 11 ياشلىق سۈمەييە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قايتا سايلام ئۆتكۈزۈپ يېڭى رەھبەرلىك ھەي 'ئىتىنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.
0:00 / 0:00