11 - ۋە 12 - ماي كۈنلىرى خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلارنىڭ كىملىكلىرى قىسمەن ھالدا ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر پىدائىينىڭ يېشى 18 ياش بىلەن 20 ياش ئارىسىدا، ھەر ئۈچىلىسى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى دۆڭگۈزلەك كەنتىدىن. نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى لوپنىڭ دول يېزىسىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە سوراق قىلىشنى داۋام قىلماقتا.
تۇتۇلۇپ سورىلىۋاتقانلار 3 نەپەر پىدائىينىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە كۆڭۈل يېقىنلىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شۇ ۋەقە سادىر بولغان ئىككى كۈندە دول يېزىسىدىن ناھىيە بازىرىغا كىرگەنلەر. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەندە ۋەقە مەيدانىغا يېقىن جايدا بايقالغان 31 ياشلىق مەتتۇرسۇن مەتتۇردى، نۆۋەتتە لوپ كونابازار ساقچىخانىسىدا مۇھىم گۇماندار سۈپىتىدە سوراق قىلىنماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00