0:00 / 0:00
خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدىكى بىر چارلاش پونكىتى 11 - ماي كۈنى كەچ ۋە 12 - ماي كۈنى ئەتىگەندە ئىككى مەيدان بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنىڭ دەسلەپكىسىنى بىر نەپەر، ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئىككى نەپەر پىدائىي ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا بۇ ئۈچ نەپەر پىدائىي بىلەن بىرلىكتە 4 نەپەر ساقچى ئۆلگەن ۋە 4 نەپەر ساقچى يارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدىن كېيىن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتكەن. نۆۋەتتە خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتۇش ۋە تەكشۈرۈش دولقۇنى داۋام قىلماقتا؛ ئەمما خىتاي بۇ ۋەقەنىمۇ 3 كۈندىن بۇيان ئاخبارات دۇنياىسىدىن سىر تۇتماقتا. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى ساقچىلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.