26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان قارشىلىقلىرى ئىچىدە ئادەم ئۆلۈش سانى كۆپ، ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى.
رادىئومىز لۈكچۈندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن توقۇنۇشتا 46 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم، ۋەقەدە 11 ھۇجۇمچى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن، ئەمما ۋەقەدىن كېيىن قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.
يېقىندا خىتاينىڭ مەلۇم ئۆلكىسىدىكى بىر ستۇدېنت قىز، رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، لۈكچۈندە ۋەقەدىن كېيىنكى ئۇيغۇر دىندار ياشلارنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىۋاتقانلىقى،ئۆزىنىڭمۇ تۇتۇپ قويۇۋېتىلگەنلەردىن بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەمدە يۇرتىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە كۆپ قان تۆكۈلگەن، خەلق نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، ۋەقەدىن لۈكچۈن خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ بىر لۈكچۈن قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.