ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن ساقچىخانىسى ئالدىدا 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە ھۇجۇمچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا جەمئىي 46 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ 11 نەپىرى ساقچىخانا خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. لۈكچۈن ۋەقەسى ئۇيغۇر دىيارىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خوتەن شەھىرى خانئېرىق بازىرىدا 28-ئىيۇن جۈمە نامىزىدىن يانغان ياشلار بىلەن ئۇلارنى نازارەت قىلىپ ماڭغان ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم ئۆلگەن، كۆپ ئادەم يارىلانغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ 3 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى بىلەن 28-ئىيۇن كۈنى خوتەن شەھىرى خانئېرىق بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەممىسى «خىتاي دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ قۇربانلىرى دەپ تونۇيمەن» دېدى. رابىيە خانىم بۇ ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەمدە باستۇرۇلۇش جەريانلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا قارشىلاشقان ئۇيغۇرلارغا «سوتسىز ئۆلۈم» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىدەك قىلمىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئۇ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ ۋەقەلەرنىڭ خاتىرە كۈنلىرىدە بۇ ۋەقەلەردىكى قۇربانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.
دىققىتىڭلار، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىدە بولسۇن.