سابىق مەھبۇس نۇرۇنگۇل توختىنىڭ قاماقتىن چىقىشنىڭ ئالدىدا ساقچىلارغا قويغان شەرتلىرى
2013.12.05
خىتاي ساقچىلىرى نۇرۇنگۇل توختىنى تەكشۈرۈپ ھىچقانداق گۇناھ تاپالمىغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىشنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى سورىغان. نۇرۇنگۇل دەسلەپتە ئۆزىگە گۇناھتىن بىرنى ئارتىپ كېسىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
ساقچىلار نۇرۇنگۇلنىڭ بۇ كىنايە جاۋابىنى چۈشىنىپ تەلىپىنى قايتا سورىغاندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن ئوغلىنى بۇلاپ قاچقان خىتاي قاراقچىنى خۇددى «5 - ئىيۇل» غا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى جازالىغاندەك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن جازالىشىنى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان ھەربىر كۈنىگە تۆلەم بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە ئەگەر بۇ تەلەپلىرى جاۋابسىز قالسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى، ئوغلى ۋە ئۆزى ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن باشقىچە شەكىلدە ھېساب ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.