مالايشىيادىكى 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى جىددىي ئەندىشە قوزغىماقتا. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مالايشىيانى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

ئالدىنقى كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى مالايشىيالىق بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن، مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيادىن بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرى جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلدى. بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە مالايشىيادىكى 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنىي جەريانلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «مالايشىيا ھۆكۈمىتى 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» دېگەن. ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە دەرھال تىزىملىتىش ئىمكانىغا ئېرىشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى باياناتىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى مالايشىيا دائىرىلىرىگە قارىتا يەنىمۇ بېسىم پەيدا قىلىشقا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇندىن ئىلگىرى تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار بارلىقىنى، مەسىلەن، ئالدىنقى يىلى تايلاند ھۆكۈمىتى 100 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى قايتۇرۇۋەتكەندىن بېرى ئۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەر ئالغىلى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مالايشىيا ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 31-دېكابىر كۈنى 6 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەينى چاغدا ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ ساختا پاسپورت بىلەن مالايشىيادىن 3-دۆلەتكە كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن. شۇندىن بېرى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ياكى مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى مالايشىيادىن تەلەپ قىلىش ئىشىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەر ۋاقىت خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ،» دېگەننى ئەسكەرتكەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى «قانۇنسىز كۆچمەن» مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇپ دىققەت بۇرىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ «قانۇنسىز كۆچمەنلىك» تىن تۈپتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى براد ئادامسمۇ باياناتتا يەر ئالغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ۋە سىياسىي تەقىبلەشلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ئېلىنىشى ۋە قېيىن-قىستاققا ئۇچرىشى ئېنىق. شۇڭا مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق ئېتنىك كىملىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەرقانداق كىشىنى قەتئىي ھالدا خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك،» دېگەن.

مەزكۇر ئورگان ۋە شۇنداقلا رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان سىياسىي، مىللىي ۋە دىنى بېسىمنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، كېيىنكى يىللاردا يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بۇنداق ئېغىر سىياسەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، دۇنيادا خېلى زور سالماقنى ئېگەلەيدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭمۇ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇرلار بۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقاندا ئارزۇيىمىز مۇسۇلمان ئەللىرىدىن، مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ناھايىتى قاتتىق ئىنكاسلار كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئەپسۇسكى، بۇ دۆلەتلەر خىتايغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. بىر قانچە يىللار ئاۋۋال، بىر پارچە رەسىم سەۋەبىدىن مۇسۇلمان ئەللىرىدە قانداق نامايىشلار بولۇپ كەتكىنى ھەممىمىزگە ئايان. ئەمما بۇ دۆلەتلەر خىتايغا كەلگەندە شۇنىڭغا ئوخشاش قارشىلىقنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ. مەنچە، زور خەلقئارا بېسىم ھاسىل قىلىشتا بۇ دۆلەتلەرمۇ رول ئېلىشى كېرەك،» دېدى.

مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر ئەسلىدە تايلاندنىڭ مالايشىياغا چېگرىداش ساداۋ بازىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە 2-3 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى. ئۇلار 2017-يىلى 20‏-نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە جەمئىي 20 كىشى تۈرمىدىن قاچقان. ئەمما 5 نەپىرى تايلاندنىڭ ئۆزىدە قولغا چۈشكەن، قالغان 15 كىشىنىڭ مالايشىيا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە نۆۋەتتە مالايشىيادىكى بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئەلچىخانىلىرىنىڭمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدە مالايشىياغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.