تۈنۈگۈن خىتاي ۋە خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلاردا، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىنلا، تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى، رادىئولار ۋە گېزىت - ژۇرناللار بۇ خەۋەرگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەردى.
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن باشقا ھۆرىيەت»، «مىللىيەت»، «دۇنيا بىلتەنى»، «خەۋەر زامانى» قاتارلىق گېزىتلەرمۇ «شەرقىي تۈركىستاندا يەنە توقۇنۇش مەيدانغا كەلدى»، «شەرقىي تۈركىستاندا يەنە قان تۆكۈلدى» «شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا 21 كىشى قازا تاپتى» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا خەۋەر قىلدى. بۇلاردىن باشقا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر يېزىپ تارقاتتى. خەلقارا مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋەردە، توقۇنۇشتا 21 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

«ھۆرىيەت» گېزىتىدىكى خەۋەرگە «خىتاينىڭ قانۇنسىزلىقى داۋاملاشماقتا» دېگەن يان تېمىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ باياناتىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە مۇنۇلار بايان قىلىنغان:
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ۋەقە باشلانغانلىقىنى، بۇنىڭدا 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى شۇنىڭ بىلەن بەزى ئاھالىلەرنىڭ خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈردى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن خىتاي رەھبەرلىرىدىن بەزى ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولسىمۇ خىتاينىڭ بۇ قانۇنسىزلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.»
«ھۆرىيەت» گېزىتىدىكى خەۋەردە قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى سېرقبۇيا يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقەنىڭ 2009 - يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ۋەقە ئىكەنلىكى يېزىلغان.
بۇ خىل ۋەقەلەرگە كېيىنكى يىللاردا تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيىدە تېخىمۇ كۆپ مەتبۇئاتتا ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ شى شىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتتىن بەزى ئۇيغۇرلار ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە 23 - ئاپرىل كۈنى سېرىقبۇيادا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى نېمىنىڭ بىشارىتى؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۆزگەرمەي مۇشۇنداقلا داۋاملىشىدىغان بولسا، قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇتخان كۆكتۇرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.