23 - ئاپرىل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن «سېرقبۇيا ۋەقەسى» نىڭ خەلقارا مەتبۇئاتلاردىن كەڭ يەر ئېلىشى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ 24 - ئاپرىل كۈنى خىتاينى مارالبېشى ۋەقەسىدە ئوچۇق - ئاشكارە بولۇشقا دەۋەت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆپ بىئارام قىلغان ئىدى.
فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 30 - ئاپرېلدىن باشلاپ «مارالبېشى ۋەقەسى تېررورلۇق ۋەقەسىمۇ ياكى باشقا ۋەقەمۇ؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇنازىرە سەھىپىسى ئاچتى.
مۇنازىرە باش تېمىسىدا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى بايانلىرىدا شۈبھىلىك نۇقتىلار كۆپ. ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار ئىنتايىن چەكلىك. بۇ قېتىمقى ۋەقەنى خەلق بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ياكى خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش دېيىش لازىممۇ ۋەياكى تېررورلۇق ۋەقەسى دېيىش لازىممۇ؟ دېگەن مەسىلە مۇنازىرىگە سۇنۇلغان. باش تېمىدا يەنە مارالبېشىدا 2012 - يىلى 2 - ئايدا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 20 ئادەم ئۆلدى. ئۈرۈمچىدە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا 200 ئادەم ئۆلدى. ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن زىددىيەت ھۆكۈمەتكە جەڭ ئېلان قىلماقتا، دېيىلگەن.
مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغان بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت خادىملىرى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۆزى پەيدا قىلغان ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتاش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. ھەرقانداق تېررورىست ۋەقە سادىر قىلماقچى بولسا، ئۆز ئۆيىدە ئەمەس، بەلكى سىرتتا سادىر قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە خالىغانچە ئۈسۈپ كىرىش ھوقۇقى يوق. بىر مىللەتنى ساقال، بۇرۇت قويۇشتىن، رومال ئارتىشتىن چەكلەشتەك بىمەنە سىياسەت خىتايدىن باشقا دۆلەتتە مەۋجۇد ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ خالىغانچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار يەنىلا نامرات. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ۋەقەلەرنى تېررورىستىك ۋەقە دەپ ئاتىماقچى بولسا، ئۇنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرىنى ئوچۇقلىشى كېرەك.
بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى مارالبېشى ۋەقەسىگە قارىتا قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلە قىلدى. بوستۇندا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېررورىستىك ۋەقە دەپ ئاتاپ، مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دەپ ئاتاشتى. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ ۋەقەدە خىتاينى ئەيىبلىشى ئۇچىغا چىققان يولسىزلىق.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە تېررور ئامىلى مەۋجۇد ئەمەس. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي دۆلەت تېررورىغا قارشى ھەرىكىتى ۋە يوللۇق قوغدىنىش كۈرىشىدۇر.
خىتاي زىيالىسى ۋاڭ داخاۋ مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان «شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى غەلىتە ھېكايە» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورىستلارغا قارشى ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىنى «تېررورلۇققا قانداق قارشى تۇرۇش جۇڭگوغا نىسبەتەن يېڭى تېما، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى تاكتىكا تەتقىقاتى ۋە تەربىيىلەش كەمچىل بولغانلىقتىن، جۇڭگونىڭ تېررورلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھېسسىي تۇيغۇغا تايانغاچقا، ئېغىر قانلىق بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.
يېقىندا مارالبېشى ناھىيىسىدە يۈزبەرگەن 23 - ئاپرىل زوراۋانلىق - تېررورلۇق ۋەقەسىدە 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، بىزگە ئىنتايىن ئاچچىق ساۋاق بەردى» دەپ باشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى زوراۋان ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرى تارىخىدا كۆپلىگەن كۈلكىلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. نۇرغۇن ئەسكەر، ساقچى ئۆلگەن. ئۇ مىسال ئېلىپ مۇنداق بىر قانچە ۋەقەنى سۆزلەيدۇ:
بىر قېتىم بىر ساقچى باشلىقى زوراۋانلار تۇرىۋاتقان ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ چېكىسىگە بىر زوراۋاننىڭ تاپانچىسى تەڭلەنگەن. ئەمما تاپانچىدىن ئوق چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى بۇ زوراۋاننى ئېتىپ تاشلىغان. ساقچىلار بىر قېتىم بىر زوراۋاننى تۇتۇپ تۇرمىغا سولاپ يېنىنى ئاختۇرغاندا، زوراۋاننىڭ يېنىدىن بىر تاپانچا چىققان. ساقچىلارنى قارا تەر باسقان. يەنە بىر قېتىم بىر زوراۋان نۇرغۇنلىغان ساقچىلارنىڭ مۇھاسىرىسىدىن ئامان قۇتۇلۇپ چىقىپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىم ئۇ يەنە مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندىمۇ يەنە قۇتۇلۇپ چىقىپ كەتكەن. بىر قېتىم ئەسكەرلەر زوراۋانلار يوشۇرۇنغان ئۆيگە زەمبىرەك ئاتىدۇ. زەمبىرەك ئوقى پارتلىمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە توختىماي بومبا ئېتىپ، ئۆينى تۈزلىۋېتىپ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تىنجىتقان بولىدۇ.
خىتاي زىيالىسى ۋاڭ داخاۋ بۇ يازمىسى ئارقىلىق خىتاي ئەسكەر، ساقچىلىرىنىڭ تاكتىكا ئىلمىدىن ساۋاتى يوقلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئادەملىرى ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى مەخسۇس تەربىيىلەش لازىملىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مەلۇمكى، مارالبېشى ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى پەيزىۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 169 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 21 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 4 بازار، 8 يېزا، 217 - كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 326 مىڭ 400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 83.75% نى ئىگىلەيدۇ.
ۋەقە يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا بازىرىدا 6100 ئاھالە ياشايدۇ. 2010 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ بۇ بازاردا 300 ئورۇنغا جىددىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش تېلېفونى ئورنىتىلغان. بۇ سان، ھەر 20 ئاھالىگە بىردىن تېلېفون توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سېرىقبۇيىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل جىددىي بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. 2010 - يىلى 7 - ئايدا ئۇيغۇر پىدائىيلىرى بۇ بازاردىكى خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىلغان بىر زىبۇ - زىننەت بويۇملىرى دۇكىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىر خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىمىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىدى.
0:00 / 0:00