مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىدىكى 4 ھۇجۇمچىنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.10.22
korla-weqesi.jpg كورلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تۈپەيلى، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر. 2013-يىلى 7-مارت، كورلا.
EyePress

خىتاي تەرەپ 12-ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 18 ۋە پىدائىيلاردىن 4 نەپەر بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە بۇ خەۋەر خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ-كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا، مەزكۇر ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسى ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار، ئەمما يەنە بىر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان 4 ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىلا ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار ئوسمان مۆمىن، ئاۋۇت مۆمىن، مامۇت مۆمىن ۋە ئەيسا مۆمىن قاتارلىقلاردۇر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.