تۈنۈگۈندىن بۇيان خىتايدىكى ۋە خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلاردا، 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا ساقچىلار بىلەن بىر تۈركۈم ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 21 ئادەم ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنىپ، ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بېرىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ 24 - ئاپرېل ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا،ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، مارالبېشىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك ۋېنتترېللنىڭ خىتاينى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغانلىقى كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار خەۋىرىنىڭ سەرلەۋھەسى قىلىندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25 - ئاپرېلدا بېرىلگەن «ئامېرىكا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان خەۋىرىدە،ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك ۋېنتترېللنىڭ: «ۋاشىنگىتون خىتايدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كەمسىتىلىۋاتقانلىقى ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.»دېگەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ مارالبېشىدا يۈز بەرگەن 21 ئادەم ئۆلگەن ۋەقەگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ۋەقەنى تەكشۈرۈشتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا چاقىرغانلىقى تەكىتلەندى.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى بۈگۈن مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن «ئامېرىكا مارالبېشى ۋەقەسىدە خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى» سەرلەۋھەلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك ۋېنتترېللنىڭ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشتە تەلتۆكۈس ۋە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىمىز. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك قانۇنىي ھوقۇقنىڭ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئالدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك ۋېنتترېللنىڭ مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن باياناتى خىتاينى نارازى قىلغان بولۇپ، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بايانات بېرىپ،«ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەيىبلەشنى توختىتىشى»نى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ «ئامېرىكا رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ سىياسىتىگە قارىتا كۆپرەك چۈشىنىشى كېرەك. چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەت تېررورلۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ مارالبېشى ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ خىتاينى نارازى قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى پەرقلىق خەۋەر بەرمەكتە.
خىتاي خەۋەرلىرىدە، ۋەقەنىڭ ساقچىلارنىڭ مەلۇم بىر ئۆيدە گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنىپ، 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ھالبۇكى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە يەرلىك ئاممىنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلغۇچىلار «ساقچىلارنىڭ ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر ئايالنىڭ يۈزىدىكى چۈمپەردىنى ئېچىۋەتكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا دەسلەپ تارتىشىش، ئارقىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە ۋەقە ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەر«توقۇنۇشنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنغاندەك مەلۇم بىر ئائىلىدە ئەمەس، بەلكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگۈچىلەردىن بىرقىسىمى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بىر قىسىمنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى» قاتارلىقلارنى بايان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيادە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى 25 - ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ۋە بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى ئاڭلاتتى. ئالىم سېيىتوف خىتاينىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچىسىزلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا، ئىلھام توختى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن خەۋەرلىرىدە ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
نۆۋەتتە، مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي تور بېكەتلىرىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بېرىلمەكتە. تورداشلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچىسىزلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە كىيىنىشىگە قارىتىلغان تۈرلۈك بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنىڭ زىيادە كۈچىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىپ مۇشۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00