مارالبېشىغا مەخپىي بارغان بىر چەتئەل مۇخبىرىنىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە گۇمان پەيدا قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ باققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ب ب س نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى دايميان گراماتىكاس Damian Grammaticas ئەپەندى 26- ئاپرىل كۈنى، ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتىنى يوشۇرغان ھالدا سېرىقبۇيى بازىرىغا يېتىپ بارغان؛ ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساقچىلار بىلەن چەكلىك ھالدا سۆزلىشىش ۋە سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، خىتاي ئاخباراتىدىن پەرقلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن.

مۇخبىر بۇنىڭغا ئاساسەن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتى ئۈستىدە گۇمانلار» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بىتەرەپ ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن بېرىلگەن تۇنجى خەۋەر بولۇپ ھېسابلاندى. تۆۋەندە بۇ ماقالىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمىز. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

ماقالىنىڭ باش قىسمىدا ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن : «شىنجاڭ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يېڭى چېگرا، بۇ جاي جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن، بېيجىڭغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستانغا يېقىن. شىنجاڭ نېفىت ۋە گازغا باي، ئېنىرگىيەگە ئاچ خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ تىنىمسىز جاينى تېز تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ كويىدا، ئەمما خىتاينىڭ بۇ جاينى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېقىنى رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتىدۇ ھەمدە ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئەڭ يېقىندا يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىمۇ 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.»

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، مۇخبىر سېرىقبۇيىغا بېرىشتا ۋە سېرىقبۇيىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتىنىڭ بەك كۆزگە چېلىقىپ كېتىشىدىن ساقلانغان. سېرىقبۇيا بازىرىدا، دوپپىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشەك ھارۋىلىق مېڭىپ يۈرگەنلىكى، پەرەنجە ئارتقان ئاياللارنىڭ مىۋە - چىۋە سېتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ماقالىدە، بازارنىڭ ناھايىتى قاينام - تاشقىن ئىكەنلىكى، تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ھېچقانداق بىر جىددىيلىكنى بايقىغىلى بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

«بىراق، ساقچى ئاپتوموبىللىرى توختىماي كېزىپ يۈرىدۇ ۋە كۈچ كۆرسىتىپ ھېلىدىن - ھېلىغا چىراقلىرىنى لاپىلداتسا، يەنە تۇرۇپلا چىقىراتما سىگنال بېرىدۇ» ئاپتورنىڭ بۇ سۆزلەردىن كېيىن بايان قىلىشىچە، ۋەقە سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋە يېرىمى كۆيۈپ كېتىلگەن ئىككى قەۋەتلىك بىر ئۆي ساقچىلار تەرىپىدىن ھېلىھەم قورشاۋدا تۇرماقتا.

ماقالىدە، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، سېرىقبۇيىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭكىگە ئوخشىمايۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. «بىز سېرىقبۇيىدا كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىز بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقتى، چۈنكى ئۇلار سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. شۇنداقتىمۇ بىز يەنە، ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.» ۇخبىر بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى تېررورچى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، سېرىقبۇيىدىكى ناھايىتى دىندار بىر ئائىلە بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى سۈركىلىش بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خادىملار، بۇ ئائىلىدىكى قىزلارنىڭ بېشىدىكى پەرەنجىنى ئېلىۋېتىشنى، ئوغۇللارنىڭ بولسا، ساقىلىنى چۈشۈرىۋېتىشنى بۇيرۇپ كەلگەن. ئەمما ئائىلە بۇ بۇيرۇققا ئىتائەت قىلمىغان. بۇ قېتىمقى ۋەقە، خادىملار دەل ئەنە شۇ ئۆيدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەن. مۇخبىر ماقالىسىدە ۋەقەنىڭ قاچان، قەيەردە، نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ قانداق بولۇپ، ئۆي تەكشۈرۈشتىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىك جەريانىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مۇخبىرغا پىكىر بايان قىلغان ئاھالىلەردىن بىرى، ئۆز كىملىكىنى يوشۇرغان ھالدا مۇنداق دېگەن : «مەنچە، ساقالنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق. ئاياللارنى يۈزىنى ئېچىشقا مەجبۇرلاش دىنىي ئېتىقادقا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك.» مۇخبىر يەنە نەق مەيداننى كۆرگەن بىر گۇۋاھچى بىلەنمۇ سۆزلەشكەن؛ گۇۋاھچى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ساقچىلار كېلىۋاتاتتى، بىر يارىلانغان كىشى قولىدا بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر قىڭغىراقنى كۆتۈرۈپ، ساقچىلارنى قوغلىدى. ساقچىلار، بازارنىڭ ئۇدۇلدىكى بىر ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا قاراپ قېچىشتى؛ بىر چاغدا پىچاق كۆتۈرگەن يارىدارنىڭ پۇتىغا ئوق تەگدى ۋە يەرگە يىقىلدى، بۇ چاغدا ساقچىلار توپلىشىپ كېلىپ، يارىدارنى جوتو بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈشتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، يارىدارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان ئىككى سەپدىشىمۇ ئارقىسىغا چېكىنىپ دۇكانلاردا دالدىلاندى.» مۇخبىر ماقالىسىدە مانا بۇ ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ۋەقە سادىر قىلغانلاردىن ئاز دېگەندە بىرىنىڭ ئېتىپ ئەمەس، چاناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن : «مانا بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تېررورچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈردۇق دېگەن سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە ساقچىلارنىڭ باشقا گۇماندارلارنى ئوققا تۇتۇشىنىڭمۇ قانۇنىيلىقى ئۈستىدىمۇ گۇمان تۇغدۇرىدۇ.»

مۇخبىر يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بۇ پەيتتە، ساقچىلار يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش باھانىسى بىلەن، ئۇلارنى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشكە يول قويمىغان. مۇخبىر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن : «ھۈكۈمەت بۇ جايغا مۇخبىرلارنىڭ قەدەم بېسىشىنى خالىمايدىغان بولغاچقا، بۇ يەرگە كېلىشتە ۋە بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشتا ئۆز كىملىكىمىزنى ئاشكارىلىماسلىققا تىرىشتۇق.... شۇنداقتىمۇ، يەنىلا ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلەشكە ئۆلگۈرمەي بۇ جايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. مەلۇم بولغان نەرسە شۇ: بۇ جايدا بۇ خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىۋاتىدۇ، كىشىلەر توختىماي ئۆلۈۋاتىدۇ، ئۆلگۈچىلەر ئارىسىدا، ئۇيغۇرلارمۇ، خەنزۇلارمۇ بار.»

مۇخبىر «خىتاينىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدىكى بايانلار ئۈستىدە گۇمان» ناملىق بۇ ماقالىسىدە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن تالاش - تارتىشنىمۇ ئەسلەپ ئۆتكەن. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە، بولۇپمۇ مارالبېشىدىكى ۋەقەگە يېقىندىن كۆڭۆل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇيغۇر خەلقى ۋە خىتاي خەلقىغە ئوچۇق ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا تېررورچىلارنى ئەيىبلىمەيلا قالماستىن، بىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىمىزگىمۇ مەسئۇلىيەتسىزچە باھا بەردى» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مۇخبىر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بىر تەرەپتىن زور مىقداردا مەبلەغ سېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جايدا ئۇزۇن مۇددەت مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تۆمۈر مۇش بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەسىلىگە توغرا دىياگنوز قويالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.