كۆزەتكۈچىلەر نەزىرىدە «مەھەللە كادىرلىرى-ھۆكۈمەتنىڭ جىنايەتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈچىلەر»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.07.03
qeshqer-puqraliri.jpg ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ.
RFA Photo

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم ئاڭلىغۇچىلار، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غالچىلىرى» دېگەندەك خورلۇقىغا، ۋەھىمىگە دۇچ كېلىپ ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى ئورۇنلىرىغا، ھۆكۈمەت خادىملىرى ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى خاراكتېر جەھەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەقسىز سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىدىن پارتلىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەمسىتىش، ناھەق سىياسەتلىرىنى دۇنياغا تونۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى، تىنچ تەرەققىياتىدىن خەلقنىڭ ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ھۇجۇملارنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ دۇنيانى ئىشەندۈرۈشكە ھېچقانداق ئىمكان قويمىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەلەردىن كېيىنكى تەشۋىقاتلىرىدا گەۋدىلىك نۇقتا سۈپىتىدە، ھۇجۇمچىلارنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىش، يەنى «ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى مىللەت ئايرىمايدىغان، دىن ئايرىمايدىغان، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەت» ئىكەنلىكى، بۇ ھۇجۇملاردا مەھەللە كومىتېتلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بەكرەك تىلغا ئېلىش بولدى.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قارشىلىقنىڭ سەۋەبىدىن باشقا نۇقتىلارغا يۆتكەپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا تىرىشماقتا.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلۈك قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا. ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىقلارغا زەربە بېرىشتە يەنىلا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سەپ ئىكەنلىكىنى قايتىدىن تەكىتلەپ، دەل ھۇجۇمغا ئۇچراش نىشانى بولۇۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھەللە كادىرلىرى، چارلىغۇچى ۋە قوغدىغۇچى خادىملىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدىكى ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ھەم ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ يېڭى تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.

بۇ ھەقتە يېقىندا رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە ئاساسىي قاتلام مەھەللە كومىتېت خادىملىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا بۇ ۋەقەلەر ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر ۋە خادىملاردىمۇ تۈرلۈك ۋەھىمە ھەمدە ئىنكاسلار پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، ھەر بىر مەھەللە خىزمەتچىسى، مەھەللە كۆزەتچىسى، چارلاش خادىملىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە مەمۇرىيلار «مۇقىملىق خىزمىتى مەسئۇلىيەتنامىسى» گە قول قويغان. دائىرىلەر مۇقىملىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى ھەم خىزمەتچىلىرىنى سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىشتە تەۋرەنمەسلىك ئۈچۈن قەسەم بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر دەرىجىلىك دائىرىلەر مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ مۇكاپاتلار تارقاتقان.

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىككى يىل ئىشسىز قېلىپ ئاخىرى قەشقەردە بىر مەھەللە كومىتېتىدا چارلىغۇچى بولۇپ ئىشقا كىرگەن بىر ئۇيغۇر خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«ئەمەلىيەتتە چارلىغۇچىلار، مەھەللە كادىرلىرى ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا خىزمەت قىلىدۇ، كۈندۈزى كوچا چارلىسا كېچىسى كۆزىتىش ئۆيىدە ئاپپاراتتىن كۆزىنى ئۈزمەي 24 سائەتلەپ نۆۋەتچىلىك بىلەن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر، قولىدا ھېچقانداق قورال يوق ھەرخىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئەڭ ئاۋۋال زەربىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر. بىزنى ھەممىدىن بىئارام قىلىۋاتقىنى خىزمەت بېسىمىمۇ ئەمەس، خەلق ئالدىدا "ھۆكۈمەتنىڭ غالچىسى" دېگەن ھاقارەتكە، ھۆكۈمەت ئالدىدا خەلق ئۈستىدىن بېسىم يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلىنىدىغان قۇلغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمىز، بىز ۋەزىپىنى توغرا قىلساق خەلق ئالدىدا بىر جىنايەتچى، ۋەزىپىنى توغرا قىلالمىساق ھۆكۈمەت ئالدىدا گۇناھكار، بەزىدە تېخى ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىھۇدە قۇربانلىققا ئايلىنىپ قېلىشىمىز....».

ئۇ، بۇ ھەقتە شىكايەت قىلغان مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئامالسىزلىقتا يەنە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن بىئاراملىق ۋە تەھدىت ھېس قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قەدىر قىممىتى، ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ سىياسەت تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازغان.

خىتاي بۇ ھۇجۇم ۋەقەلىرىدە يوشۇرۇشقا ھەمدە ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇراش بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بەزى كىچىك نۇقتىلار ئۇيغۇرلارنىڭ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدىن قاچالمىدى.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، خۇ پىڭ ئەپەندى، «خىتاينىڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى، ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىنى رەسمىي قوراللاندۇرمىغىنى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى خەلققە يۈرگۈزىدىغان ئىككىنچى دەرىجىدىكى زوراۋان ساقچىلار دەپ باھا بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇلارغا ئارتىپ، ئۇلار ئارقىلىق خەلققە بېسىم ئىشلىتىش، ئەمەلىيەتتە ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ غەزىپىدىن ۋە قارشىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سېپى، خىتاي پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنى مۇشۇنداق باشقۇرۇۋاتىدۇ، توقۇنۇشلارمۇ خەلق ئاممىسى بىلەن مۇشۇ خادىملار ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتىدۇ، يېقىندا 23 ئاپرېل سېرىق بويىدىكى ۋەقەدىمۇ ئۆي تەكشۈرۈشكە، ئەھۋال ئىگىلەشكە كىرگەن مەھەللە خادىملىرى قارشىلاشقۇچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار قالقانلىق رولى ئوينايدۇ، بۇ خىل ۋەقەلەردە ئۇلارنىڭ قۇربانلىق بېرىشى، ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇقەررەر، بۇ خىزمەتنىڭ خاراكتېرى شۇ» دېدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى كۆپەيتىشىنىڭ بۇ جايدىكى ناھەق سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ خەلقنىڭ ھامان بۇنىڭغا نارازىلىق قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئارتالايدىغان قوشۇنغا موھتاج. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ھەربىي ساقچى كۈچىنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە بۇ خىل مەھەللە كادىرلىرىنى كۆپەيتتى. ئۇلار چوقۇملا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغۇچىلار، مەن بۇ خىل خىزمەتچىلەرنى، ھۆكۈمەتنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان بۇ خىزمەتلەرنى رەت قىلىشقا، ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىمەن.»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە كۆپلەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساسىي قاتلاملارغا قەبىھ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسىدىن پەخەس بولۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.