لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇھەجەر ئابلا، ياتاق بىناسىدىن ئارقانغا ئېسىلىپ چۈشۈش داۋامىدا يىقىلىپ ئومۇرتىقىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن.
دوختۇرخانا ئوپېراتسىيە ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان. مەكتەپ يوقىلاڭ باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بۇ پۇلنى تۆلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. بۇھەجەرنىڭ دوستلىرى ئامالسىز مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ جەمئىيەتتىن ياردەم توپلىغان. توپلانغان ياردەمدىن 10 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنلا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما ئوپېراتسىيە پىلانلانغان ۋاقىتتىن بىر كۈن كېچىككەن. يەنە پۇل تولۇق تۆلەنمىگىنى ئۈچۈن، بۇھەجەر دوختۇرخانىدا مەخسۇس كۆزىتىش ئۆيىدىن ئادەتتىكى ياتاققا يۆتكىۋېتىلگەن. بۇھەجەر ئابلانىڭ دوستلىرى مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىر قانچە كۈن تاكاللاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سۇغۇرتا پۇلى ھېسابىدا 40 مىڭ يۈەن ئاجراتقان.
بۇھەجەر ئابلانىڭ ساۋاقداشلىرى ۋە ئانىسىنى زىيارەت
سوئال: بۇھەجەرنى داۋالىتىشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدىڭلارمۇ-قانداق؟
جاۋاب: شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىسى دېھقان ئىكەن، ئاپىسى بېلەت ئالىدىغانغا پۇل تاپالماي، تېخى تۈنۈگۈن كەلدى.
سوئال: دوختۇرخانا بۇھەجەرنى ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئالدىدا پۇل تەلەپ قىلدىمۇ -قانداق؟
جاۋاب: قىلدى، 50 مىڭ سوم. ئاز دېگەندىمۇ 10 سوم تاپشۇرۇلماستىن ئوپېراتسىيە قىلمايمىز دەپ تۇرۇۋالدى.
سوئال: بۇھەجەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتى قەيەر ئىكەن؟
جاۋاب: كۇچانىڭ ئاق ئۆستەڭ يېزىسىدىن. مانا يېنىمدا بار، تېلېفوننى ئۆزىگە بەردىم.
سوئال: بۇھەجەرنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ھازىر؟
جاۋاب: قوللىرى تېخى ھەرىكەتلەنمەيۋاتىدۇ. پۇتىنىڭ ئۇششاق بارماقلىرى ئەمدىلا مىدىرلاۋاتىدۇ. دوختۇرلار تولۇق ئەسلىگە كېلىشىدە 20% ئۈمىد بار دېگۈدەك.
سوئال: پۇلنى قانچىلىك تاپشۇردۇڭلار؟
جاۋاب: ئەللىك مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپتۇ، يەنە 200 مىڭ يۈەن كېتىدىغان ئوخشايدۇ، بۇ قەرزنى قانداق قايتۇرامىز دەپ بېشىم پىرقىراپ تۇرىدۇ.
سوئال: بۇھەجەرنىڭ ئىشلىرىغا ئەڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىم؟
جاۋاب: مانا بىر دوستى بار يېنىمدا، تېلېفوننى بەردىم ئەمىسە.
سوئال: مەكتەپ بۇھەجەرنىڭ دوختۇر پۇلىنى تۆلەشتە قانداقراق؟ مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە ئارتىپ قويىدىغان ئىش يوقتۇ؟
جاۋاب: دەسلەپكى 3-4 كۈندە شۇنداق بولغان، مەكتەپ مۇدىرنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتتى، بۇھەجەرنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىكەن دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ پۇل چىقارغىلى ئۇنىمىغان. بىز يەنى ساۋاقداشلىرى توپلىشىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن تاكاللاشقاندىن كېيىن، ھازىر بىرئاز ياخشى، مەلۇم دەرىجىدە تۆلەۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرلارمۇ «بۇ ئىش مەكتەپتە بوپتۇ، سىلەر تۆلىشىڭلار كېرەك» دەپتۇ.
سوئال: دېمەك، مەكتەپ پۇلنى ۋاقتىدا بەرمىگەچكە، ئوپېراتسىيە كېچىكتى دېگەن گەپ؟
جاۋاب: شۇنداق. 9-چېسلا ۋەقە يۈز بەردى، شۇ زامات ئاپاردۇق، ئەتىسى ئوپېراتسىيە قىلدى.
سوئال: ئەگەر پۇل تەل بولغان بولسا، شۇ كۈن شۇ سائەتتىلا ئوپېراتسىيە قىلماقچىمىدى؟
جاۋاب: شۇنداق. شۇ كۈنى سائەت 5 تە ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولدى، پۇلنى بېرەلمىدۇق، سائەت 8 گە كېچىكتۈردى، ئۇ چاغدا يەنە بېرەلمېۋىدۇق، سائەت 9غا كېچىكتۈردى. ئاخىر ئامال بولماي ئەتىسى ساۋاقداشلار ئۆز-ئارا پۇل توپلاپ 10 مىڭ يۈەن تاپشۇردۇق. ئەتىسى كەچ سائەت 10دا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلدى. ئاندىن تورلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە چىقاردۇق. ئىككى كۈندە 40 مىڭ سومدەك توپلاندى، بۇ پۇلنى تاپشۇردۇق، لېكىن يەنە 200 مىڭ سوم تاپشۇرۇشىمىز كېرەككەن.
سوئال: ئاڭلىساق بۇھەجەرنى مەخسۇس داۋالاش ئۆيىدە ئەمەس، كارىدوردا تۇرۇۋاتىدۇ دېگەن گەپ بار، بۇ توغرىمۇ؟
جاۋاب: ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىر كۈنلا كۆزىتىش ئۆيىدە تۇرغۇزۇلۇپ، ئاندىن ئادەتتىكى ياتاققا يۆتكىۋېتىلدى.
سوئال: ئەسلىدە كۆزىتىش ئۆيىدە قانچىلىك ۋاقىت تۇرۇش كېرەككەن؟
جاۋاب: ئەھۋالى بىرئاز ياخشىلانغۇچە بىرنەچچە كۈن كۆزىتىش ئۆيىدە تۇرۇش كېرەككەن، لېكىن بىز دوختۇرخانىغا قەرز بولۇپ قالغاچقا، كۆزىتىش ئۆيىدە ئۇزۇن تۇرغۇزمىدى.
يۇقىرىدا لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئوقۇغۇچى بۇھەجەر ئابلانى داۋالىتىشتا پاسسىپلىق قىلىپ ئوپېراتسىيەنىڭ بىر كۈن كېچىكىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئاڭلاتتۇق.