«دۇتار شاھى» دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيىت مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك دۇنياسىدا زىلزىلە قوزغىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر قامالغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ نارازىلىق باياناتى بېرىپ، تۈركىيەنى ئەيىبلىدى ۋە ئارقىدىنلا خىتاي تەرەپ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدىكى سىنئالغۇنى تارقاتتى. ئەمما مەزكۇر ۋەقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرىدىغان «مەنمۇ ئۇيغۇر «نامىدىكى ئاممىۋى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، تاراتقۇلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن قوزغالغانلىقىنى بىلدۈردى. مېھرىبان تەييارلىدى.
8-فېۋرال جۈمە كۈنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «دۇتار شاھى» نامىدا تونۇلغان مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئىككى يىلدىن بۇيان لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتايغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 9-فېۋرال كۈنى ناھايىتى قاتتىق تەلەپپۇزدا بايانات بېرىپ، لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
ۋەقەدىن كېيىن گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدىكى سىنئالغۇنى تارقىتىپ، مەزكۇر خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوزغالغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى، تۋىتېر، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئومۇملىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «بىزنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز لاگېرلارغا قامالدى، ئۇلارنىمۇ بىزگە كۆرسەت! ئۇلارنىڭمۇ ئەھۋالىدىن جاۋاب بەر!» دېگەندەك سوئال-سوراقلارغا دۇچ كەلدى.
10-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى تۋىتېر، فەيسبوك، ئىنستگرام قاتارلىقلاردا باشلانغان «مېنىڭمۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرسەت» دېگەن مەزمۇندىكى «مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتى، قىسقىغىنە 24 سائەت ئىچىدە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، نيۇ-يورك ۋاقتى، مۇھاپىزەتچى، ئەنگلىيە BBC ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتىسى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، تۈركىيە TRT رادىيوسى، ئەل-ئەرەبىي، خوڭكوڭدا چىقىدىغان جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم خەلقئارالىق گېزىتلەر ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ بېسىم پەيدا قىلىپ، خىتاي باياناتچىسىنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ياكى تەكشۈرۈشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەممە ئادەمنى بىرمۇبىر ئېكرانغا چىقىرىپ سۆزلىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىندى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرال كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، لاگېرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا قارىتا: «خىتايدا بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم بار، بىز ھەممىسىنىڭ ۋىدىيوسىنى چىقىرىشىمىز لازىممۇ؟» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئەڭ دەسلەپ مەزكۇر پائالىيەتنى، يەنى «مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قوزغىغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ قوزغىلىشى ۋە دەسلەپكى ئۈنۈمى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خالمۇرات ئۇيغۇر 2018-يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامالغان تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى بايانىدا، «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىنى قوزغاشنى، ئۆزىگە ئوخشاش بىرقانچە ئۇيغۇر ياشنىڭ بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما 8-فېۋرال تارقالغان مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشى ۋە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن بېرىۋاتقان باياناتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىنى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئاممىۋى ئۇيغۇر پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خالمۇرات ئەپەندى يەنە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن داڭلىق تاراتقۇلاردىكى خەۋەرگە ئايلىنىشىنىڭ ئۆزىلا دەسلەپكى نەتىجىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، تۇتقۇندىكى ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ ئوغلى بەھرام سىنتاشمۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ بىرى. ئۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سىنئالغۇنى تارقاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ فەيسبوك ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللىغان «مېنىڭ دادام قۇربان مامۇت ۋە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قايتا تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجى يوق. ئۇلارنىڭمۇ ئاۋازىنى ئاڭلات!» دېگەن ئاۋازلىق خىتابىدىن كېيىن، بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلغانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشى خىتايدا بېسىم پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پائالىيەتكە يەنە يېقىندا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان مەشھۇر كومېدىيە ئارتىسى ئادىل مىجىتنىڭ تۈركىيەدىكى كۈيئوغلى ئارسلان ھىدايەت ئەپەندىمۇ قاتناشقان.
ئارسلان ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاش ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتە مۇھىم ئۈنۈمى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بولۇپمۇ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خالمۇرات قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە باشلىغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشى ۋە زور ئالقىشىغا ئېرىشىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تېزلىكتە كېڭەيدى.
كالىفورنىيەدىكى مەلۇم مەكتەپكە ئۇيغۇرلار ئەھۋالى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەشكە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قىلىۋاتقان «ئالدامچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ۋە خەلقئارا جامائەت پىكىرى قوزغاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00