3-ماي دۇنيا ئاخبارات كۈنى ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىغا پاراكەندىلىك سېلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 2-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ «شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى بىر نەچچە ئاخبارات مەنبەسىنىڭ بىرى » ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشىنى تەنقىدلەيمىز» دېيىلگەن.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ مەسىلىسىدە ئۇلارنى ھەممىدىن بەك ئەندىشىگە سالغىنى خىتاينىڭ باستۇرۇشنى چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى» ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئىش ياخشى كېتىۋاتىدۇ، دېگەن تەشۋىقاتىغا قارشى پىكىرلەرنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلگەن.
خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كونترول قىلىشىنىڭ سىناق مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان. مەركىزى پارىژدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دانىيال باستارد، «بۇ كىشىنى بەك ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ نوقۇل ژۇرنالىستلار تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان رايون بولۇپلا قالماي، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بىر رايوندۇر. سىزگە مەلۇم بولغاندەك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شىنجاڭدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. ئەمما كىشىنى بەك ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى شىنجاڭ خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقالغان ھەرقانداق بىر خەۋەرنى كونترول قىلىدىغان سىستېمىنى سىناق قىلىدىغان بىر مەيدانغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ.»
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى «ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى «زالىملارچە بىر تاكتىكا» ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى ستېۋېن باتلېر چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ژۇرنالىستلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللانغان بۇ ئۇسۇلى بەك زالىملارچە بىر تاكتىكا. چەتئەلدىكى ژۇرنالىستلار سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى جازالاش پىكىرى كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئورتاق ئەخلاققا پۈتۈنلەي خىلاپ. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك، خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە كونترول قىلىنىشى بەك زور كۆلەملىك بولغاچقا ئۇلارنى بىرمۇ-بىر ئېنىقلاپ چىقىش بەك قىيىنغا توختىماقتا.»
«ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھازىر خىتايدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولانغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلاردۇر. مەزكۇر ئورگان 2017-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى 41 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 14 نەپىرىنى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار ئىگىلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 1 % نى تەشكىل قىلمايدىغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بەك زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ستېۋېن باتلېر خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەشنىڭ يىلدىن -يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش خىتايدا يىلدىن -يىلغا ئېغىرلاشقاندەك قىلىدۇ. بۇنى يېقىنقى يىللارغا سېلىشتۇرساق كۆرەلەيمىز. 10 يىلنىڭ ئالدىدا كىشىلەر ئەركىنلىكنى چەكلەشكە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كىشىلىك ھوقۇق تورلىرىدا ئېلان قىلالايتتى. لېكىن يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە ھۆكۈمەت نۇرغۇن كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئۆزىنى ئىپادىلىشى، نارازىلىقى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كونترول قىلىش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتتى. دېمەك، ۋەزىيەت كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ، ھازىر ئېغىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.»
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئۆزىنىڭ «2018-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي دۇنيادىكى 180 دۆلەت ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار 5 دۆلەتنىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر تەشكىلات شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىش مودېلىنى ئېكسپورت قىلىپ، ۋىيېتنام، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجاندەك دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
دانىيال باستارد، چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ھازىر مىكروبلوگچىلار خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، بۇرۇن ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر قاناللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دانىيال باستارد مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى ئىنتېرنېت. بۇرۇن مىكروبلوگچىلار ئۇچۇر تارقىتىش ۋە غۇلغۇلا قوزغاشتا ناھايىتى زور رول ئويناپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ھازىر بىز خىتايدا بلوگچىلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقە ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى. ئۇنىڭ بلوگى ئىلگىرى بەك روناق تاپقان. ئۇنىڭ بلوگىغا بەك كۆپ ئادەم ئەگىشەتتى. ئۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەمكارلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ، ناھايىتى ئەقىللىق ئىشلارنى قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى تۈرمىگە تاشلىدى. ھازىر بىز ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن بەك ئەندىشە قىلىمىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 6 نەپەر مۇخبىرىغا پاراكەندىلىك سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلغان، «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولىغان، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان، ئۇلارنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ۋە ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان. بۇ خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى سۈرۈشتۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى برانستاتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئېنىقلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن پەيدا بولغان «چوڭقۇر ئەندىشىسى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00