بۈگۈن، يەنى 28-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
قورقۇنچلۇق لاگېر ھاياتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئالدى بىلەن مىسىرغا، ئۇ يەردىن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇن بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئاساسلىق سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتايدا دىنىي ئېتىقادنى قاتتىق باستۇردى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، يىغىندا مېھرىگۈل تۇرسۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى توماس فار، مېركاتور خىتايشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى سامانتا خوفمان قاتارلىقلارمۇ گۇۋاھلىق بەردى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، سېناتور ماركو رۇبىيو سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر يىللىق دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە مەزكۇر كومىتېت تەرىپىدىن بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا ۋە باشقا 5 نەپەر ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلارنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك ئەھۋالنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ماركو رۇبىيو ئۇيغۇر شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ بۈگۈنكى بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قەيسەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىمنىڭ ھېكايىسى خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادقا ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ بىر رەزىللىك، بۇ سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدىغان رېئاللىق. بىز ياشاۋاتقان 21-ئەسىردە بۇنداق رەزىللىك ھەرگىز، ھەرگىز ۋە ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك. شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى سەۋەبلىك بۇ خىلدىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ئەسلا قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك…»
ماركو رۇبىيودىن كېيىن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ كۈچلۈك گۇۋاھلىقى بىزگە شۇنى ئەسكەرتمەكتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتىگە خاس تەقىب سىستېمىسىغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەقىب سىستېمىسى ئارقىلىق رايوندىكى پۈتكۈل ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە دىنىي ئېتىقادنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا.»
مېھرىگۈل تۇرسۇن گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغاندا ئۇ كۆز ياشلىرى توختىتالمىغان ھالدا سۆزىنى باشلىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئىنگلىزچە ئوقۇپ ئۆتتى.
مېھرىگۈل تۇرسۇن گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۆزىنىڭ مىسىردىن يۇرتىغا قايتىش جەريانى، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا قانداق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۈچكېزەك بالىسىدىن بىر ئوغلىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، كېيىن يۇرتى چەرچەنگە بارغاندىن كېيىن يەنە خىتاي دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى شۇنداقلا خىتاي لاگېرلىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قاباھەتلىك كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مېھرىگۈل تۇرسۇن گۇۋاھلىق سۆزىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى: «مەن ئەركىن دۆلەتكە كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈمنى تامامەن ئەركىن ھېس قىلالمايۋاتىمەن. مەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مېنى بۇ يەردىمۇ كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. مەن ئامېرىكىدا يېڭى ھاياتىمنى باشلاشقا، مەكتەپتە ئوقۇشقا ۋە بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ھالبۇكى، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە يىراقتا تۇرۇپمۇ ماڭا كۆرسىتىۋاتقان تەھدىتلىرىدىن داۋاملىق قورقۇنچ ھېس قىلماقتىمەن. شۇڭا مەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغداڭلار، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ لاگېرلارغا سولىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ قىيناقلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار! . . . مەن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، ئۇلارنىڭ مېنى قىينىغانلىقىنى، بالامنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ خەلقىم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىد چىرىغى دەپ بىلىدۇ. شۇنداق، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى توختىتالايدىغان بىردىن-بىر قۇدرەتلىك دۆلەت.»
0:00 / 0:00