خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ رەسمىي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېمىسى خىتاي تەۋەسىدە بىر تۈرلۈك ئومۇمىي ئېقىم سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە قويۇلۇۋاتقاندا مەزكۇر تېما ئۇيغۇرلار دىيارىدا باش يېتەكچى ئىدىيە شەكلىدە ھەممىگە يولباشچىلىق قىلىشقا باشلىغان. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىن تاكى جەنۇب ۋە شىمالدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەرگىچە بولغان جايلاردا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، زامانىمىزدىكى بىر قىسىم زەكىيلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مىللەتلەر باراۋەر بولمىغان مۇھىتتا ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان شىنخۇا تورى 2016 - يىلى مارت ئېيىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نىڭ مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئارقا - ئارقىدىن قىلغان سۆزىنى خەۋەر قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا 2016 - يىلىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ يولغا قويۇلۇپ كەلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات ئېيى» نىڭ ئورنىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» بولىدىغانلىقى جاكارلاندى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردە بۇ خىلدىكى «ئىتتىپاقلىق» تەربىيىسىگە دائىر تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىشكە باشلىدى.
2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ يەتتە يىللىق خاتىرىسىدە بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار شەخس جاڭ چۈنشيەننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شەخسلەر مەڭگۈگە ئۇنتۇلمايدۇ» سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسىنىڭ خىتايدىكى يۈزلىگەن ئاخبارات قاناللىرىدا تەڭلا ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىدىن دېرەك بېرىشكە باشلىدى.
ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىۋاشتىن زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ ئۆزلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 1980 - يىللاردىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھېچقانداق يېڭى بىر تېما ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا شۇ ۋاقىتلاردىكى مائارىپ سىستېمىسىدا زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنغان بۇ پائالىيەتلەر ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر تۈرلۈك «سىياسىي شەكىلۋازلىق» بولۇشتىن باشقىغا يارىمىغان.
بۇ ھەقتىكى سۆھبەت داۋامىدا دولقۇن ئەيسا بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتنى تاڭغانسېرى شۇنچە كۆپ نامايىشلار ۋە ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلەتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئون نەچچە يىل مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر زەكىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان پەرقلىق مۇئامىلە ئاشكارا مەۋجۇت بولغان شارائىتتا ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان خىتايلار بىلەن ئىتتىپاق بولالمىغانلىقىنى ئەسلىدى.
ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ھەق ۋە ھوقۇقلار، شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۈرلۈك پەرقلەر يوقالمىغان ئەھۋالدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرماقچى بولۇشى ئىشقا ئاشمايدىغان بىر خىل ئۇرۇنۇش بولۇپ قالىدىكەن، خالاس.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئېلىدە يىللاردىن بېرى زېرىكمەستىن تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «ئىتتىپاقلىق» تېمىسى بەزى خىتاي زەكىيلىرىنىمۇ ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆزىنىڭ خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇق داۋاسى ئۈچۈن قىلغان ئادۋوكاتلىق خىزمىتى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغان ھەمدە كېيىنچە بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاسىتە ھەمدەم بولۇشى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرماي تۇرۇپ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى كۈتۈش توغرا ئەمەس ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مىللەتلەر ئارىسىدا باراۋەرلىك بولماي تۇرۇپ قانداقمۇ ئىتتىپاقلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ يەنە كېلىپ بۇ مىللەتلەر باراۋەرلىكى دېگەنلىك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر شوئارى، خالاس. ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى قېرىنداش مىللەتلەرگىلا قارىتىلىۋاتقىنى يوق. ئۇلار يەنە بىز خىتاي خەلقىگىمۇ ئوخشاش. كومپارتىيىگە قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار، ھاكىمىيەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى، باراۋەرلىكنى، بايلىقتىن ۋە پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلغان خىتايلارنىڭ ھەممىسىلا كومپارتىيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى خىتايدىكى 56 مىللەتنى قۇل قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ھۆكۈمراندۇر. ئۇ ھازىر باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىلا قۇل قىلىپ قالماستىن، يەنە بىز خىتايلارنىمۇ قۇل قىلماقتا. ناۋادا بىراۋ خىتاي كومپارتىيىسىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك بىرەر ھوقۇقنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، مەيلى ئۇ خىتاي بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەردىن بولسۇن، كومپارتىيە ئۇلارنى ئەدەپلەشتىن قىلچە ئۇيالمايدۇ. سىز مېنىڭ كەچمىشلىرىمگە، گاۋ جىشېڭنىڭ قىسمىتىگە، گو فېيشيوڭنىڭ تەقدىرىگە نەزەر سالسىڭىز، ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ئاقىۋەتكە مۇپتىلا بولغانلىقىنى بايقايسىز. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىدەك ئاپئاشكارا ھالدا بىزنى قۇل قىلىۋاتقان ۋە ئۇرۇپ سوقۇۋاتقان بىر قارا كۈچ گۇرۇھتىن ھېساب ئېلىشىمىز لازىم. بۇ نۇقتىدا ھېچقانداق ئىككىلىنىش كېرەك ئەمەس. خىتاي كومپارتىيىسىنى ياخشى بولۇپ كېتەرمىكىن، دەپ تەمە قىلماسلىق لازىم. چۈنكى بۇ مۇمكىن ئەمەس!»
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەردىن چەت يېزا، قىشلاقلارغا كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، جايلاردىكى دائىرىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى بىر مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00