ئونسۇ چاغراقتا 3 دېھقان مىللىي ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى سەۋەبلىك 3 يىللىق ۋە 11 يىللىق كېسىلگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئەلەمدارى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا 2015 - يىلى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق 1400 نەچچە كىشىنىڭ جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا 2015 - يىلى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ئەيىبلىمىسىدىن باشقا، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە ھىجرەت غەرەزلىك دېگەندەك يەنە باشقا ناملاردىكى ئەيىبلىمىلەر بىلەنمۇ جازالىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئونسۇ چاغراقنىڭ ئىككىنچى كەنتىدە يۈسۈپ ئىبراھىم قاتارلىق 3 نەپەر دېھقان كەنتتىكى يەرلەرنىڭ خىتايلارغا ھۆددىگە بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ساپ ئۇيغۇر مەھەللىسىدە خىتاي پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مىللىي ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىدا بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئالدى 11 يىللىق، ئارقىسى 3 يىللىق كېسىلگەن.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسى، يەنى شۇ ئەتراپقا چۈشكەن يېڭى قۇرۇلۇش ۋە ياكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ «دېھقانچىلىق ماھىرلىرى» دەپ ئاتالغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەدىكارلىققا قېلىش مەسىلىسى، رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇر رايونىدا «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن شىددەتلەنگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن، بىرى دەپ تەھلىل قىلىشقان ۋە خىتاي تەرەپنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ رىزىق تاۋىقىنى چاقماسلىق يەنى يولىنى ئەتمەسلىك، ئۇلارغا بىر ياشاش ئىمكانى بېرىش ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنغان ۋە ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ رادىكال شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قېتىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.