مۇتەخەسسسىلەر: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ

0:00 / 0:00


خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوتتۇرا شەرقتە ئوتتۇرىغا چىققان «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى غەربلىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دېگەنلىرى ئىشەنچىلىكمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتى بىلەن قانچىلىك باغلىنىشى بار؟ كۆزەتكۈچىلەر بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى كۆپتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇقنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ نىگىزى، دەپ كۆرسەتتى. سادىر بولغان تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىققا باغلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارانىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا باغلىشى بولسا قاتتىق دىققەت قوزغىدى. ئۇلار ھەتتا تۈركىيىگە كېتىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن مۇساپىر بولۇپ يولغا چىقىپ، تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ جىھاد قىلماقچى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل تېررور ھەرىكەتلىرىگە باغلىشىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمىغان مەزگىلدە ئوخشىمىغان تېررور قالپاقلىرىنىڭ كىيگۈزۈلۈپ كېلىنگەنلىكىنى بايان قىلغان. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي تېررور مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتامدۇ؟» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلگەن:

- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش تارىخى خېلى ئۇزۇن. 2001 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، بىن لادىندىن تەربىيە ئالغان ئۇيغۇر مىللىتانلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئافغانىستان، چېچىنىيە ۋە ئۆزبېكىستانلاردا ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ۋە تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، بەزى تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان تەھدىتنى زورايتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ....

ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتى مەزكۇر تەشكىلات قارمىقىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان 300 ئەتراپىدا «جۇڭگولۇق» بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ قارمىقىدىكى تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتور خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى بۇ خەۋىرىگە قارىتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قانداق پىكىردە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن :

- نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ رەقەمنى قوللىمىدى. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى روبېرت شان مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىنلىكى، بىراق رەقەمنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكۇلىن بولسا تەشكىلاتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ جىق بولسا 20 - 30 بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ئىلگىرى سۈرگەن 300 دېگەن رەقەمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بەلكىم پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇرغا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلۈش ئۈچۈن جەزىبىلىك كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلاردىكى رادىكاللىقنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئەڭ ئاساسىي سەۋەب يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىتى، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئىشنى تېخىمۇ بۇزماقتا، دەپ قارايدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە تەتقىقاتچى درۇ گلەدنېينىڭ سۆزىگىمۇ يەر بەرگەن. ئۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تەھدىت دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بەزى ھەرىكەتلەرنى گەرچە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام ھەرىكىتى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېيتقىنى بىلەن ئەمەلىي پاكىتلار بىر - بىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقەلەرنىڭ ئىشلىنىش ئۇسۇلىدىكى ئاددىيلىقنىڭمۇ خەلقئارالىق تېررور ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە يەتمەيدىغانلىقىنى، پاكىستاننى بازا قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ ئاتالمىش شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي بىر پائالىيىتىنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسىدە كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. تەتقىقاتچى درۇ گلەندىي بولسا ئەگەر ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتى قوزغاشتىن بەك خىتايغا بولغان نارازىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. درۇ گلەدنېي مۇنداق دېگەن : ئۇلار بەلكىم خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ھەتتا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي تەلىم ئالماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ نىيىتى خەلقئارا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ئەمەس.

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى مۇلاھىزىسى داۋامىدا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيىدىكى ئىسلام دۆلىتى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايدىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭغا نىكولاس بىكۇلىننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ھەمكارلىشىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇنى دەستەك قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئاپتور مۇلاھىزىسىدە يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى تۈپەيلى ۋەزىيەت يامانلىشىپ ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقا قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بىراق ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغاندەك كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. درۇ گلەدنېي بولسا خۇلاسە سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى، يىغىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «20 يىل ئاۋۋال مەن ئۇيغۇرلار توغرىلىق سۆزلىگىنىمدە كىشىلەر مېنى ساراڭمىكىن، دېگەن ئىدى. بىراق ھازىر بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىش زور» دەپ خۇلاسىلىگەن.